Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




مىسىردىن چىقىش 29:7 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

7 ئۇنىڭدىن كېيىن، مۇقەددەس ياغنى ئۇنىڭ بېشىغا قۇيۇپ، ئۇنى روھانىي قىلىپ تەيىنلىگىن.

Gade chapit la Kopi




مىسىردىن چىقىش 29:7
15 Referans Kwoze  

جامائەت بىخەستەلىك بىلەن ئادەم ئۆلتۈرۈپ قويغۇچىنى قىساس ئالغۇچىنىڭ قولىدىن قۇتۇلدۇرۇپ، پاناھلىنىدىغان شەھەرگە ئەۋەتسۇن. ئۇ شۇ شەھەردە تاكى بېشىغا مۇقەددەس ياغ قۇيۇلۇپ تەيىنلەنگەن باش روھانىي ۋاپات بولغۇچە تۇرسۇن.


روھانىيلارنىڭ ئىچىدىكى بېشىغا ياغ قۇيۇلۇپ، مۇقەددەس توننى كىيىپ، باش روھانىيلىققا تەيىنلەنگۈچى ھازا تۇتۇش ئۈچۈن چاچلىرىنى چۇۋۇپ، كىيىملىرىنى يىرتمىسۇن.


خۇدا ئەۋەتكەن قۇتقۇزغۇچى خۇدانىڭ سۆزىنى سۆزلەيدۇ، چۈنكى خۇدا ئۆز روھىنى ئۇنىڭغا ئايىماستىن بېرىپ كەلمەكتە.


ئىگەم پەرۋەردىگارنىڭ روھى مېنىڭ ۋۇجۇدۇمدا، چۈنكى پەرۋەردىگار مېنى كەمبەغەللەرگە خۇش خەۋەر يەتكۈزۈشكە تاللىدى، قەلبى جاراھەتلەنگەنلەرگە شىپاللىق بېرىشكە ئەۋەتتى. تۇتقۇنلارغا: «ئازاد بولىسىلەر!» دەپ جاكارلاشنى، گۇناھقا باغلانغانلارنىڭ ئەركىنلىككە ئېرىشىدىغانلىقىنى خەۋەر قىلىشقا ئەۋەتتى.


ئىناقلىق قىممەتلىك ياغدەك بولۇر، ھارۇننىڭ بېشىدىن قۇيۇلۇپ بۇ ياغ، ئېقىپ چۈشۈپ ساقاللىرىغا، تامغانىدى ياقىلىرىغا.


دېمەك، قۇلۇم داۋۇتنى تاپتىم، مۇقەددەس مېيىمنى سۈركەپ بېشىغا، ئۇنى سىلەرگە پادىشاھ قىلىپ تىكلىدىم.


لېكىن سىلەر ئۇلارغا ھازا تۇتۇش ئۈچۈن ئۇچرىشىش چېدىرىنىڭ ھويلىسىدىن چىقماڭلار، بولمىسا سىلەرمۇ ھالاك بولىسىلەر. چۈنكى سىلەر پەرۋەردىگارنىڭ مۇقەددەس يېغى ئۈستۈڭلارغا قۇيۇلۇپ، پەرۋەردىگارنىڭ خىزمىتىگە تەيىنلەندىڭلار. ئۇلار مۇسانىڭ دېگىنى بويىچە ئىش تۇتتى.


ھارۇن ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرىنى ماڭا بېغىشلاپ، ئۇلارغا روھانىيلىق كىيىملىرىنى كىيدۈرگىن ۋە ئۇلارنىڭ بېشىغا مۇقەددەس ياغ سۈركەپ، ئۇلارنى روھانىيلىق ۋەزىپىسىگە تەيىنلىگىن. ئۇلار مېنىڭ خىزمىتىمنى قىلسۇن.


سىلەرگە كەلسەك، ئەيسا مەسىھ سىلەرگە ئاتا قىلغان مۇقەددەس روھ قەلبىڭلاردا بولغاچقا، سىلەر باشقىلارنىڭ يېڭى تەلىمىگە موھتاج ئەمەسسىلەر. مۇقەددەس روھ سىلەرگە ھەممە ھەقىقەتنى ئۆگىتىدۇ. چۈنكى، ئۇ ھەقتۇر، يالغان ئەمەستۇر. شۇڭا، مۇشۇ ھەقىقەت بويىچە داۋاملىق ئەيسا مەسىھكە باغلىنىپ ياشاڭلار.


ئۇ ئىبادەت جايىمنىڭ بۇلغانماسلىقى ئۈچۈن، دەپنە مۇراسىمىغا بارمىسۇن. چۈنكى ئۇ مېنىڭ مۇقەددەس يېغىم بىلەن ماڭا بېغىشلانغاندۇر. مەن پەرۋەردىگاردۇرمەن.


ئۇ ماڭا: _ بۇ ئىككى شاخ پۈتۈن دۇنيانىڭ ئىگىسى ئۆزىگە خىزمەت قىلدۇرۇش ئۈچۈن تاللىغان ئىككى كىشىنىڭ بېشارىتىدۇر، _ دېدى.


ھارۇنغا مۇقەددەس كىيىملەرنى كىيدۈرۈپ، مۇقەددەس ياغ سۈركەپ، ئۇنى ماڭا بېغىشلىغىن. شۇندىلا ئۇ مېنىڭ روھانىيلىق خىزمىتىمنى قىلالايدۇ.


تائام ھەدىيەلىرىدىكى يانپاش ۋە تۆش ھارۇن ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرى مېنىڭ خىزمىتىمنى قىلىش ئۈچۈن روھانىيلىققا تەيىنلەنگەن كۈندىن باشلاپ، ئىگە بولىدىغان نېسىۋىدۇر.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite