6 بېشىغا سەللە يۆگەپ، سەللىنىڭ ئالدىغا ئالتۇن قاداقنى تاقاپ قويغىن.
بېشىغا سەللە يۆگەپ، ئالتۇن قاداقنى، يەنى مۇقەددەس بەلگىنى قادىدى. ھەممىسى پەرۋەردىگارنىڭ ئەمرىگە بىنائەن بولدى.
ئۇلار كۆكرەكلىك، پەرتۇق، پەرىجە، كەشتىلەنگەن تونچە كۆڭلەك، سەللە ۋە پوتىلارنى تەييار قىلسۇن. ئۇلار بۇ مۇقەددەس كىيىم-كېچەكلەرنى ئاكاڭ ھارۇن ۋە ئۇنىڭ روھانىيلىق قىلىدىغان ئوغۇللىرى ئۈچۈن تەييارلىسۇن.
ئۇ ئىبادەت جايىمنىڭ بۇلغانماسلىقى ئۈچۈن، دەپنە مۇراسىمىغا بارمىسۇن. چۈنكى ئۇ مېنىڭ مۇقەددەس يېغىم بىلەن ماڭا بېغىشلانغاندۇر. مەن پەرۋەردىگاردۇرمەن.
مەن ئېغىز ئېچىپ: _ ئۇلار يەنە يوشۇۋانىڭ بېشىغا پاكىز سەللە ئوراپ قويسۇن، _ دېدىم. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار يوشۇۋانىڭ بېشىغا پاكىز سەللە يۆگىدى، ئۇچىسىغا يېڭى كىيىملەرنى كىيدۈردى. پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسى ئۇنىڭ يېنىدا تۇراتتى.