مىسىردىن چىقىش 29:41 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى41 گۇگۇم چۈشكەندە قۇربانلىق قىلىنغان ئىككىنچى قويغا قوشۇپ ئاتىلىدىغان ئاشلىق ۋە ئىچىملىك ھەدىيەسىمۇ ئەتىگەندىكىگە ئوخشاش قىلىنسۇن. بۇ نەرسىلەر مەن پەرۋەردىگارنى مەمنۇن قىلىدىغان خۇش پۇراقلىق تائام ھەدىيەسى بولىدۇ. Gade chapit la |
پادىشاھ ئاخاز روھانىي ئۇرىياغا: _ ئەتىگەنلىك كۆيدۈرمە قۇربانلىقنى، كەچلىك ئاشلىق ھەدىيەسىنى، پادىشاھنىڭ كۆيدۈرمە قۇربانلىقى ۋە ئاشلىق ھەدىيەسىنى، ئىسرائىل خەلقىنىڭ كۆيدۈرمە قۇربانلىقى ۋە ئاشلىق ھەدىيەسىنى يېڭى قۇربانلىق سۇپىسىدا كۆيدۈرۈڭ ۋە ئىچىملىك ھەدىيەسىنى ئۇنىڭغا تۆكۈڭ. شۇنداقلا كۆيدۈرمە قۇربانلىق ۋە باشقا قۇربانلىقلارنىڭ ھەممە قېنىنى ئۇنىڭغا چېچىڭ. لېكىن تۇچ بىلەن قاپلانغان قۇربانلىق سۇپىسى مېنىڭ كەلگۈسىدە نېمە ئىش بولىدىغانلىقىنى بىلىشىم ئۈچۈن قالسۇن، _ دېدى.
كەچلىك قۇربانلىق ۋاقتى كەلگەندە، ئىلياس پەيغەمبەر قۇربانلىق سۇپىسىغا يېقىن كېلىپ: _ ئى پەرۋەردىگار، يەنى ئىبراھىم، ئىسھاق ۋە ئىسرائىل ئېتىقاد قىلغان خۇدا، بۈگۈن سەن بۇ خەلققە ئۆزۈڭنىڭ ئىسرائىللارنىڭ خۇداسى ئىكەنلىكىڭنى، مېنىڭ سېنىڭ خىزمەتكارىڭ ئىكەنلىكىمنى ۋە مېنىڭ بۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى سېنىڭ ئەمرىڭ بويىچە قىلغانلىقىمنى بىلدۈرگەيسەن.