Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




مىسىردىن چىقىش 29:4 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

4 ھارۇن ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرىنى چېدىرنىڭ ئالدىغا ئېلىپ كېلىپ، بويىنى سۇغا سالغىن.

Gade chapit la Kopi




مىسىردىن چىقىش 29:4
18 Referans Kwoze  

ھارۇن ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرىنى ئۇچرىشىش چېدىرىنىڭ ئالدىغا ئېلىپ كېلىپ، ئۇلارنى بويىنى سۇغا سېلىپ، پاكلىغىن.


مۇستەھكەم ئىشەنچ ۋە سەمىمىي قەلب بىلەن خۇداغا يېقىنلىشايلى. چۈنكى، دىللىرىمىز ئەيسا مەسىھنىڭ قېنىنىڭ سېپىلىشى بىلەن ۋىجدان ئازابىدىن خالاس بولغان ۋە بەدىنىمىز پاكىز سۇ بىلەن يۇيۇلغاندەك پاكلانغان.


بۇ، بىزنىڭ ھازىرقى قۇتقۇزۇلغانلىقىمىزنى بىلدۈرىدىغان سۇغا چۆمۈلدۈرۈشىمىزنىڭ ئالدىن بېشارىتى بولىدۇ. چۆمۈلدۈرۈلۈشىمىز بەدىنىمىزنىڭ كىردىن تازىلىنىشى ئەمەس، بەلكى ئۆزىمىزنى ئەيسا مەسىھنىڭ تىرىلدۈرۈلۈشى ئارقىلىق پاك ۋىجدان بىلەن خۇداغا بېغىشلىشىمىزدۇر.


بىز ياخشى ئەمەللەر بىلەن ئەمەس، بەلكى ئۇنىڭ رەھىم-شەپقىتىدىن قۇتقۇزۇلدۇق. خۇدا بىزنىڭ گۇناھلىرىمىزنى يۇيۇپ، مۇقەددەس روھ ئارقىلىق بىزنى قايتىدىن تۆرەلدۈرۈپ، يېڭى ھاياتقا ئېرىشتۈرۈش بىلەن بىزنى قۇتقۇزدى.


ئەيسا مەسىھنىڭ ئۆزىنى قۇربان قىلىشتىكى مەقسىتى، ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكىنى خۇدانىڭ سۆزى ۋە سۇ بىلەن يۇيۇش ئارقىلىق گۇناھلىرىدىن پاك قىلىشتۇر.


ئۈستۈڭلارغا پاكىز سۇ چاچىمەن، سىلەر پاك بولىسىلەر. سىلەرنى پۈتۈن ناپاكلىقلاردىن ۋە پۈتۈن بۇتلاردىن پاكلايمەن.


ئەتىسى كۈن پېتىشتىن ئىلگىرى بويىنى سۇغا سېلىپ، كۈن پاتقاندا بارگاھقا قايتسۇن.


پاكلانغۇچى كىيىملىرىنى يۇيۇپ، چاچ-ساقاللىرىنى چۈشۈرۈپ، يۇيۇنسۇن. ئاندىن ئۇ كىشى پاك كىشى ھېسابلىنىپ، قارارگاھقا كىرسە بولىدۇ. لېكىن ئۇ كىشى ئاۋۋال ئۆز چېدىرىنىڭ سىرتىدا يەتتە كۈن تۇرسۇن.


ئۇ ئىبادەت چېدىرىنىڭ كىرىش ئېغىزىغا پەردە ئاستى.


بۇنىڭدىن باشقا، ئېسىل زىغىر رەختتىن يەنە بىر پەردە تىكىلىپ، ئۇ كۆك، سۆسۈن ۋە توق قىزىل رەڭلىك يۇڭ يىپ بىلەن كەشتىلەنسۇن ۋە ئىبادەت چېدىرىنىڭ ئالدى تەرىپى، يەنى ئادەم كىرىدىغان تەرىپىگە ئېسىپ قويۇلسۇن.


ئاندىن بۇ نانلارنى سېۋەتكە سېلىپ، بىر تۇياق بۇقا، ئىككى تۇياق قوچقار بىلەن بىرلىكتە ئۇچرىشىش چېدىرىغا ئېلىپ كەلگىن.


پۈتۈن ئىسرائىل جامائىتىنى جەم قىلىپ، لاۋىيلارنى مېنىڭ ھۇزۇرۇم بولغان ئۇچرىشىش چېدىرىنىڭ ئالدىغا ئەكەلگىن.


روھانىيلار ئىبادەتخانىغا كىرىپ، ۋەزىپىسىنى تۈگەتكەندىن كېيىن، تاشقىرىقى ھويلىدىكى خەلقنىڭ ئالدىغا ئۈستىدىكى كىيىمى بىلەن چىقماستىن، بەلكى ئالدى بىلەن ئاشۇ خانىلاردا كىيىملىرىنى سېلىۋېتىپ، ئادەتتىكى چاغلاردا كىيىدىغان كىيىملىرىنى كىيىپ چىقىدۇ، چۈنكى بۇ كىيىملەرمۇ مۇقەددەستۇر.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite