Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




مىسىردىن چىقىش 29:33 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

33 ئۇلار گۇناھ كەچۈرۈم قىلىنىش ھەم روھانىيلىققا تەيىنلىنىش مۇراسىمىدا ئىشلىتىلگەن تائاملارنى پەقەت ئۆزلىرىلا يېسۇن، باشقىلار يېمىسۇن. چۈنكى بۇ تائاملار مۇقەددەستۇر.

Gade chapit la Kopi




مىسىردىن چىقىش 29:33
16 Referans Kwoze  

ئۇلار ساڭا ياردەملىشىپ، ئۇچرىشىش چېدىرىغا قاراشقا، چېدىرنىڭ بارلىق ئىشلىرىنى بىر تەرەپ قىلىشقا مەسئۇل بولسۇن. لاۋىيلاردىن باشقىلارنىڭ سىلەرگە يېقىنلىشىشىغا بولمايدۇ.


شۇنىڭ ئۈچۈن، تاكى رەببىمىز قايتىپ كەلگۈچە، ھەر قېتىم بۇ ناندىن يېگىنىڭلاردا ۋە ھەر قېتىم بۇ جامدىكىدىن ئىچكىنىڭلاردا، رەببىمىزنىڭ قۇربان بولغانلىقىنى جاكارلىغان بولىسىلەر.


خۇداغا شۈكۈر ئېيتىپ، ناننى ئوشتۇپ تۇرۇپ: «بۇ مېنىڭ سىلەر ئۈچۈن پىدا بولىدىغان تېنىمدۇر. مېنى ئەسلەپ تۇرۇش ئۈچۈن بۇنىڭدىن يەڭلار» دېدى.


ئېزىلگەنلەر قانائەتلىنەر نېمەتلەردىن، پەرۋەردىگارغا تەلپۈنگەنلەر مەدھىيەلەر ئۇنى، خۇدا مەڭگۈ ياشناتقاي سىلەرنىڭ قەلبىڭلارنى.


قۇربانلىق سۇپىسى ۋە ئەڭ مۇقەددەس جايغا مۇناسىۋەتلىك روھانىيلىق ۋەزىپىسىگە پەقەت سەن ۋە ئوغۇللىرىڭ مەسئۇل بولىسىلەر. بۇ سىلەرنىڭ مەسئۇلىيىتىڭلار. چۈنكى مەن روھانىيلىق خىزمىتىنى سىلەرگە ھەدىيە قىلدىم. باشقىلار مۇقەددەس جايغا يېقىن بارسا، چوقۇم ئۆلتۈرۈڭلار.


بۇلار پەرۋەردىگارنىڭ مۇسا ئارقىلىق قىلغان ئەمرى بويىچە بولدى. شۇنىڭ بىلەن ئىسرائىللارغا، ھارۇننىڭ ئەۋلادىدىن باشقا كىشىلەرنىڭ پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىغا كىرىپ ئىسرىق سالسا بولمايدىغانلىقى، بولمىسا ئۇلارنىڭ ئاقىۋىتى كوراھ ۋە ئۇنىڭ شېرىكلىرىدەك بولىدىغانلىقلىرى ھەققىدە ئىبرەت بېرىلدى.


ئاندىن كوراھ ۋە ئۇنىڭ شېرىكلىرىگە: _ ئەتە سەھەردە پەرۋەردىگار كىمنىڭ ئۆزىگە مەنسۇپ ئىكەنلىكىنى، كىمنىڭ ئۆزىگە ئاتالغانلىقىنى ۋە كىمنىڭ ئۆزىنىڭ ئالدىغا بارسا بولىدىغانلىقىنى ئايان قىلىدۇ. ئۇ ئۆزى تاللىغان ئادەمنىڭ ئۆزىگە يېقىنلىشىشىغا ئىجازەت بېرىدۇ.


ئىبادەت چېدىرىنىڭ ئالدىغا، يەنى كۈنچىقىش تەرىپىگە مۇسا، ھارۇن ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرى ئورۇنلىشىشى شەرت ئىدى. ئۇلار ئىسرائىللارغا ۋاكالىتەن ئىبادەت چېدىرى ۋە ئۇنىڭ ئىچىدىكى مۇقەددەس بۇيۇملارنى باشقۇراتتى. ئەگەر روھانىيلاردىن باشقا ئادەملەر مۇقەددەس جايغا يېقىنلاشسا ئۆلتۈرۈلەتتى.


سەن ھارۇن ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرىنى روھانىيلىق ۋەزىپىسىگە قويغىن. ئەگەر روھانىيلاردىن باشقا ئادەملەر ئىبادەت چېدىرىغا يېقىنلاشسا، ئۆلتۈرۈلسۇن.


ھەر قېتىم ئىبادەت چېدىرىنى يۆتكەشكە توغرا كەلگەندە، لاۋىيلار ئۇنى چۇۋۇپ، قۇرماقچى بولغان يەرگە ئاپىرىپ تىكسۇن. ئەگەر لاۋىيلاردىن باشقا بىرەرى ئىبادەت چېدىرىغا يېقىنلاشسا، ئۆلتۈرۈلسۇن.


ھارۇن ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرى قوچقارنىڭ گۆشى ۋە سېۋەتتىكى نانلارنى ئۇچرىشىش چېدىرىنىڭ ئالدىدا يېسۇن.


قۇربانلىق سۇنغۇچى قۇربانلىق قىلغاندا، قولىنى قۇربانلىق بۇقىنىڭ بېشىغا قويسۇن. شۇندىلا قىلغان قۇربانلىقى قوبۇل قىلىنىپ، گۇناھى ساقىت قىلىنىدۇ.


مۇسا ھارۇن ۋە ئۇنىڭ ئامان قالغان ئىككى ئوغلى ئەلئازار بىلەن ئىتامارغا مۇنداق دېدى: _ سىلەر پەرۋەردىگارغا سۇنۇلغان تائام ھەدىيەلىرىدىن ئېشىپ قالغان ئاشلىق ھەدىيەسى سۈپىتىدىكى ھەدىيە ئۇنلىرىدىن پېتىر نان پىشۇرۇپ، قۇربانلىق سۇپىسىنىڭ يېنىدا يەڭلار، چۈنكى ئۇ ئەڭ مۇقەددەس يېمەكلىكتۇر.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite