3 ئاندىن بۇ نانلارنى سېۋەتكە سېلىپ، بىر تۇياق بۇقا، ئىككى تۇياق قوچقار بىلەن بىرلىكتە ئۇچرىشىش چېدىرىغا ئېلىپ كەلگىن.
ھەمدە قوچقارنى پېتىر نان بىلەن ئامانلىق قۇربانلىقى سۈپىتىدە مەن پەرۋەردىگارغا سۇنسۇن. روھانىي يەنە ئاشلىق ۋە ئىچىملىك ھەدىيەسىنىمۇ سۇنسۇن.
مۇسا ھارۇن ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرىغا مۇنداق دېدى: _ سىلەر گۆشنى ئۇچرىشىش چېدىرىنىڭ ئالدىدا پىشۇرۇڭلار. ئۇنى مەن بۇيرۇغاندەك، شۇ يەردە روھانىيلىققا تەيىنلىنىش مۇراسىمىدا سۇنۇلغان سېۋەتتىكى نانلار بىلەن يەڭلار.
ھەمدە پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىدىكى پېتىر نانلار سېلىنغان سېۋەتتىن پېتىر توقاچ، مايلىق پېتىر توقاچ ۋە نېپىز پېتىر نانلارنىڭ ھەرقايسىسىدىن بىردىن ئېلىپ، ئۇلارنى قوچقارنىڭ ئوڭ يانپىشى بىلەن مايلارنىڭ ئۈستىگە قويدى.
_ ھارۇن ۋە ئوغۇللىرىنى ئېلىپ كەلگىن. ئۇلار بىلەن بىرگە روھانىيلىق كىيىم، مۇقەددەس ياغ، گۇناھ كەچۈرۈم قىلىنىش قۇربانلىقى ئۈچۈن بۇقا، ئىككى تۇياق قوچقار ۋە بىر سېۋەت پېتىر نان ئېلىپ كەلگىن.
يەنە سۈپەتلىك بۇغداي ئۇنىدىن پېتىر نان، زەيتۇن يېغى ئارىلاشتۇرۇلغان پېتىر توقاچ ۋە زەيتۇن يېغى سۈرتۈلگەن نېپىز پېتىر نانلار تەييارلىغىن.
ھارۇن ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرىنى چېدىرنىڭ ئالدىغا ئېلىپ كېلىپ، بويىنى سۇغا سالغىن.