26 سەن ھارۇننىڭ روھانىيلىققا تەيىنلىنىش مۇراسىمىدا ئىشلىتىلگەن قوچقارنىڭ تۆشىنى قولۇڭغا ئېلىپ، ماڭا ئاتاپ ئېگىز كۆتۈرگىن. ئۇ سېنىڭ نېسىۋەڭ بولسۇن.
مۇسا قۇربانلىقنىڭ تۆشىنى پەرۋەردىگارغا ئاتاپ ئېگىز كۆتۈردى. بۇ تۆش روھانىيلىققا تەيىنلىنىش مۇراسىمىدا قۇربانلىق قىلىنغان قوچقارنىڭ گۆشىدىن مۇساغا تېگىشلىك بولغان نېسىۋە ئىدى. ھەممە ئىش پەرۋەردىگارنىڭ ئەمرى بويىچە بولدى.
مۇسا ۋە ھارۇنلار ئۇنىڭ روھانىيلىرىدىندۇر، سامۇئىلمۇ ئۇنىڭغا ئىلتىجا قىلغانلاردىندۇر. ئۇلار دۇئا قىلغاندا پەرۋەردىگارغا، بەرھەق ئۇ جاۋاب بەرگەنىدى ئۇلارغا.
چۈنكى ئامانلىق قۇربانلىقى ئىچىدىكى سۇنۇلغان يانپاش ۋە ئېگىز كۆتۈرۈلىدىغان تۆشنى ئىسرائىل خەلقى ئارقىلىق روھانىي ھارۇن ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرىغا ئاتىدىم. بۇ ئۇلارنىڭ ئىسرائىللاردىن ئىگە بولىدىغان مەڭگۈلۈك ئۈلۈشىدۇر.
مايلارنى روھانىي قۇربانلىق سۇپىسىدا كۆيدۈرسۇن، تۆشى ھارۇن ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرىغا تەۋە بولسۇن.
روھانىيلىققا تەيىنلىنىش مۇراسىمىدا ئىشلىتىلگەن قوچقارنىڭ پارچىلىرى، يەنى سۇنۇلغان يانپاش ۋە ماڭا ئاتاپ ئېگىز كۆتۈرۈلگەن تۆش مۇقەددەستۇر. بۇلار ھارۇن ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرىغا تەۋە بولسۇن.
ماڭا ئاتالغان تائام ھەدىيەسىنى، يەنى قۇربانلىقنىڭ مايلىرىنى ۋە تۆشىنى ئۆز قولى بىلەن ئېلىپ كەلسۇن. تۆشنى ماڭا ئاتاپ، ئېگىز كۆتۈرسۇن.
لېكىن بۇنىڭدىن ئىلگىرى ھارۇن مۇسانىڭ بۇيرۇغىنىدەك قۇربانلىقلارنىڭ تۆشلىرى ۋە ئوڭ يانپاشلىرىنى پەرۋەردىگارغا ئاتاپ ئېگىز كۆتۈرگەنىدى.
ئاندىن ئەركەك پاقلاننىڭ بىرىنى ئەيىب قۇربانلىقى قىلىپ، ئۇنى بىر پىيالە زەيتۇن يېغى بىلەن بىرلىكتە ماڭا ئاتاپ ئېگىز كۆتۈرسۇن.