23 بۇنىڭدىن سىرت، ھۇزۇرۇمدىكى نانلار سېلىنغان سېۋەتتىن بىر دانە پېتىر نان، بىر دانە زەيتۇن يېغى ئارىلاشتۇرۇلغان پېتىر توقاچ ۋە بىر دانە نېپىز پېتىر نان ئېلىپ،
ھەمدە پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىدىكى پېتىر نانلار سېلىنغان سېۋەتتىن پېتىر توقاچ، مايلىق پېتىر توقاچ ۋە نېپىز پېتىر نانلارنىڭ ھەرقايسىسىدىن بىردىن ئېلىپ، ئۇلارنى قوچقارنىڭ ئوڭ يانپىشى بىلەن مايلارنىڭ ئۈستىگە قويدى.
قوچقارنىڭ مايلىرىنى، يەنى قۇيرۇق مېيى، چاۋا مايلىرى، بۆرەك مېيى، شۇنداقلا جىگىرىنىڭ ئەڭ ياخشى يېرى، ئىككى بۆرىكى ۋە ئوڭ يانپىشىنى چىقىرىۋالغىن. چۈنكى قوچقار ھارۇن ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرىنىڭ روھانىيلىققا تەيىنلىنىش مۇراسىمىغا ئىشلىتىلىدۇ.
ئۇلارنى ھارۇن ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرىنىڭ قوللىرىغا تۇتقۇزغىن. ئۇلار بۇ نەرسىلەرنى ماڭا ئاتاپ ئېگىز كۆتۈرسۇن.