Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




مىسىردىن چىقىش 28:6 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

6 _ پەرتۇقنى قولى چېۋەر ئۇستىلار ئېسىل زىغىر رەختتىن تىكىپ، زەر يىپ، كۆك، سۆسۈن ۋە توق قىزىل رەڭلىك يۇڭ يىپ بىلەن كەشتىلىسۇن.

Gade chapit la Kopi




مىسىردىن چىقىش 28:6
11 Referans Kwoze  

_ ئۇلار ئىبادەت چېدىرى ئۈچۈن ئون پارچە يوپۇق تەييارلىسۇن. بۇ يوپۇقلار ئېسىل زىغىر رەختتىن تىكىلىپ، ئۇلارغا قولى چېۋەر ئۇستىلار تەرىپىدىن كۆك، سۆسۈن ۋە توق قىزىل رەڭلىك يۇڭ يىپلار بىلەن كېرۇبلارنىڭ سۈرىتى نەپىس كەشتىلەنسۇن.


كۆك، سۆسۈن ۋە توق قىزىل رەڭلىك يۇڭ يىپ، ئېسىل زىغىر رەخت، ئۆچكە تىۋىتى،


باش روھانىي تاقايدىغان پەرتۇق، كۆكرەكلىككە قادىلىدىغان يوللۇق ھېقىق ۋە باشقا گۆھەرلەر.


پەرتۇقنىڭ ئىككى دانە مۈرە تاسمىسى بولسۇن. پەرتۇقنىڭ ئالدى ۋە كەينى قىسمى بۇ ئىككى تاسما ئارقىلىق تۇتاشتۇرۇلسۇن.


ئاندىن ھارۇنغا تونچە كۆڭلەك، پەرىجە ۋە پەرتۇقنى كىيدۈرگىن. ئۇنىڭدىن كېيىن پەرتۇقنىڭ ئۈستىگە كۆكرەكلىكنى تاقاپ، پەرتۇقنىڭ نەپىس توقۇلغان بەل تاسمىسىنى باغلاپ قويغىن.


ئۇنىڭدىن كېيىن ھارۇنغا تونچە كۆڭلەك كىيدۈرۈپ، بېلىگە پوتا باغلىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە پەرىجەنى كىيدۈرۈپ، پەرتۇقنى تاقىدى ۋە ئۇنى ئۆزىنىڭ تاسمىسى بىلەن چىڭىتتى.


گىدئون بۇ ئالتۇنلاردىن روھانىيلىق پەرتۇقىنى ياسىتىپ، ئۇنى ئۆز يۇرتى ئوفراھقا تىكلىدى. شۇنىڭدىن كېيىن پۈتۈن ئىسرائىللار پەرۋەردىگارغا ساداقەتسىزلىك قىلىپ، پەرتۇققا چوقۇندى. شۇنىڭ بىلەن پەرتۇق گىدئون ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسىنى ئازدۇرىدىغان قىلتاق بولدى.


ئاخىمەلەكنىڭ ئوغلى ئەبىياتار قىيلاھتا تۇرغان داۋۇتنىڭ يېنىغا قېچىپ بارغاندا، ئۇ ئۆزى بىلەن بىرگە روھانىيلىق پەرتۇقىنى ئېلىۋالغانىدى.


داۋۇت خۇدانىڭ ئىرادىسىنى بىلىش ئۈچۈن ئاخىمەلەكنىڭ ئوغلى روھانىي ئەبىياتارغا: _ روھانىيلىق پەرتۇقىنىڭ كۆكرەكلىكىدىكى چەكلەرنى ئەكەل، _ دېدى. ئەبىياتار چەكلەرنى داۋۇتقا ئەكېلىپ بەردى.


شۇنىڭغا ئوخشاش، ئىسرائىلىيە خەلقىمۇ بىر مەزگىل پادىشاھسىز ۋە يېتەكچىسىز بولۇپ قالىدۇ. ئۇلارنىڭ قۇربانلىقىمۇ، بۇتسىمان تاش تۈۋرۈكلىرىمۇ، روھانىيلىق پەرتۇقىمۇ ۋە ئۆيلىرىدىكى بۇتلىرىمۇ يوق بولىدۇ.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite