Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




مىسىردىن چىقىش 28:39 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

39 ھارۇننىڭ تونچە كۆڭلىكى ئېسىل زىغىر يىپتىن توقۇلسۇن ۋە سەللىسى ئېسىل زىغىر رەختتە قىلىنسۇن ھەم پوتىسى كەشتىلەنسۇن.

Gade chapit la Kopi




مىسىردىن چىقىش 28:39
10 Referans Kwoze  

پادىشاھ ئالدىغا كەلتۈرىلەر ئۇ كەشتىلىك كىيىملىرىدە، ئالدىغا ئېلىپ كېلىنەر كېنىزەكلىرىمۇ ئۇنىڭ بىلەن بىرگە.


بۇنىڭدىن باشقا، ئېسىل زىغىر رەختتىن يەنە بىر پەردە تىكىلىپ، ئۇ كۆك، سۆسۈن ۋە توق قىزىل رەڭلىك يۇڭ يىپ بىلەن كەشتىلەنسۇن ۋە ئىبادەت چېدىرىنىڭ ئالدى تەرىپى، يەنى ئادەم كىرىدىغان تەرىپىگە ئېسىپ قويۇلسۇن.


ئۇلار كۆكرەكلىك، پەرتۇق، پەرىجە، كەشتىلەنگەن تونچە كۆڭلەك، سەللە ۋە پوتىلارنى تەييار قىلسۇن. ئۇلار بۇ مۇقەددەس كىيىم-كېچەكلەرنى ئاكاڭ ھارۇن ۋە ئۇنىڭ روھانىيلىق قىلىدىغان ئوغۇللىرى ئۈچۈن تەييارلىسۇن.


ئاندىن ھارۇنغا تونچە كۆڭلەك، پەرىجە ۋە پەرتۇقنى كىيدۈرگىن. ئۇنىڭدىن كېيىن پەرتۇقنىڭ ئۈستىگە كۆكرەكلىكنى تاقاپ، پەرتۇقنىڭ نەپىس توقۇلغان بەل تاسمىسىنى باغلاپ قويغىن.


بېشىغا سەللە يۆگەپ، سەللىنىڭ ئالدىغا ئالتۇن قاداقنى تاقاپ قويغىن.


ئاندىن ھارۇننىڭ ئوغۇللىرىغىمۇ تونچە كۆڭلەك


ھارۇن ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرى ئۈچۈن ئېسىل زىغىر رەختتىن تونچە كۆڭلەك تىكتى


ئەتىگەندە روھانىي زىغىر رەختتە قىلىنغان تونچە كۆڭلەك ۋە تامبال كىيىپ، قۇربانلىق سۇپىسىدا كۆيدۈرۈلگەن قۇربانلىقنىڭ كۈلىنى تازىلاپ ئېلىپ، قۇربانلىق سۇپىسىنىڭ يېنىغا قويسۇن.


ئاندىن ئۇ زىغىر رەختتىن تەييارلانغان مۇقەددەس كىيىملەرنى كىيسۇن، يەنى تۆۋىنىگە تامبال، ئۈستىگە تونچە كۆڭلەك كىيسۇن، بېلىگە پوتا باغلىسۇن، بېشىغا سەللە يۆگىسۇن. ھارۇن بۇلارنى كىيىشتىن بۇرۇن بويىنى سۇغا سالسۇن.


ھويلىنىڭ كىرىش ئېغىزىغا ئېسىل زىغىر رەختتىن 10 مېتىر كەڭلىكتە بىر پەردە تىكىلىپ، ئۇ كۆك، سۆسۈن ۋە توق قىزىل رەڭلىك يۇڭ يىپ بىلەن كەشتىلەنسۇن. پەردە تۆت دانە پۇتقا بېكىتىلگەن تۆت تۈۋرۈككە ئېسىلسۇن.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite