Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




مىسىردىن چىقىش 28:37 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

37 قاداق بىر تال كۆك رەڭلىك يىپ بىلەن سەللىنىڭ ئالدىغا تاقاپ قويۇلسۇن.

Gade chapit la Kopi




مىسىردىن چىقىش 28:37
10 Referans Kwoze  

مەن ئېغىز ئېچىپ: _ ئۇلار يەنە يوشۇۋانىڭ بېشىغا پاكىز سەللە ئوراپ قويسۇن، _ دېدىم. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار يوشۇۋانىڭ بېشىغا پاكىز سەللە يۆگىدى، ئۇچىسىغا يېڭى كىيىملەرنى كىيدۈردى. پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسى ئۇنىڭ يېنىدا تۇراتتى.


_ ئىسرائىل خەلقىگە بۇ ئەمرنى يەتكۈزگىن: «ئەۋلادتىن ئەۋلادقىچە كىيىمىڭلارنىڭ ئېتىكىگە چۇچا ئېسىڭلار. ھەربىر چۇچىغا بىر تال كۆك يىپ تىكىلسۇن.


بېشىغا سەللە يۆگەپ، ئالتۇن قاداقنى، يەنى مۇقەددەس بەلگىنى قادىدى. ھەممىسى پەرۋەردىگارنىڭ ئەمرىگە بىنائەن بولدى.


بېشىغا سەللە يۆگەپ، سەللىنىڭ ئالدىغا ئالتۇن قاداقنى تاقاپ قويغىن.


_ پەرتۇقنىڭ ئىچىگە كىيىلىدىغان پەرىجە كۆك رەڭلىك يىپتىن توقۇلسۇن.


ئاندىن كۆكرەكلىكنىڭ پەس تەرىپىدىكى ھالقىلار بىلەن پەرتۇقتىكى ھالقىلار بىر تال كۆك يىپ ئارقىلىق ئۆزئارا ئۇلانسۇن. مۇشۇنداق بولغاندا، كۆكرەكلىك پۇلاڭلاپ كەتمەي، پەرتۇققا چاپلىشىپ تۇرىدۇ.


ئۇلار كۆكرەكلىك، پەرتۇق، پەرىجە، كەشتىلەنگەن تونچە كۆڭلەك، سەللە ۋە پوتىلارنى تەييار قىلسۇن. ئۇلار بۇ مۇقەددەس كىيىم-كېچەكلەرنى ئاكاڭ ھارۇن ۋە ئۇنىڭ روھانىيلىق قىلىدىغان ئوغۇللىرى ئۈچۈن تەييارلىسۇن.


ھارۇننىڭ سەللىسىنىڭ ئالدىغا تاقاش ئۈچۈن ساپ ئالتۇندىن بىر دانە ئالاھىدە قاداق ياسالسۇن ۋە ئۇنىڭ ئۈستىگە «پەرۋەردىگارغا ئاتالدى» دېگەن خەتلەر مۆھۈرگە ئويۇلغاندەك ئويۇلسۇن.


ئالتۇن قاداق ھارۇننىڭ پېشانىسىدە بولسۇن. بۇ ھارۇننىڭ ئىسرائىللار ھەدىيەلەر سۇنغاندا ئۆتكۈزگەن گۇناھلارنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئۆز ئۈستىگە ئالىدىغانلىقىنى ئىپادىلەيدۇ. ئالتۇن قاداق دائىم ھارۇننىڭ پېشانىسىدە بولسۇن. شۇندىلا پەرۋەردىگار ئىسرائىللار سۇنغان ھەدىيەلەرنى قوبۇل قىلىدۇ.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite