35 ھارۇن روھانىيلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەندە، بۇ پەرىجىنى كىيىۋالسۇن. ئۇ مۇقەددەس جايغا، يەنى مېنىڭ ھۇزۇرۇمغا كىرىپ چىققاندا، قوڭغۇراق ئاۋازى ئاڭلىنىدۇ، شۇندىلا ئۇ ئۆلمەيدۇ.
ئۇ بۇ ئەڭ مۇقەددەس جايغا ئۆچكە ياكى موزايلارنىڭ قۇربانلىق قېنىنى ئەمەس، بەلكى ئۆزىنىڭ قۇربانلىق قېنىنى تۆكۈش ئارقىلىق بىرلا قېتىم كىردى. مۇشۇنداق قىلىپ، ئۇ ئىنسانلارنىڭ گۇناھلىرىنى يۇيۇپ، ئىنسانلارنى مەڭگۈگە ئازاد قىلدى.
_ ئاكاڭ ھارۇنغا ئېيتقىن، ئۇ پەردىنىڭ كەينىدىكى ئەڭ مۇقەددەس جايغا قويۇلغان ئەھدە ساندۇقىنىڭ قاپقىقىغا، يەنى «گۇناھ ساقىت قىلىنىش جايى»غا خالىغانچە يېقىنلاشمىسۇن. بولمىسا، جەزمەن ھالاك بولىدۇ. چۈنكى مەن «گۇناھ ساقىت قىلىنىش جايى»نىڭ ئۈستى تەرىپىدىكى بۇلۇت ئىچىدە زاھىر بولىمەن.
ھارۇننىڭ سەللىسىنىڭ ئالدىغا تاقاش ئۈچۈن ساپ ئالتۇندىن بىر دانە ئالاھىدە قاداق ياسالسۇن ۋە ئۇنىڭ ئۈستىگە «پەرۋەردىگارغا ئاتالدى» دېگەن خەتلەر مۆھۈرگە ئويۇلغاندەك ئويۇلسۇن.