Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




مىسىردىن چىقىش 28:3 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

3 بۇ كىيىملەرنى ئىقتىدار ئاتا قىلىنغان بارلىق ئۇستىلارغا بۇيرۇغىن، ئۇلار ھارۇننىڭ كىيىملىرىنى تىكسۇن. ھارۇن ماڭا بېغىشلىنىپ، مېنىڭ روھانىيلىق خىزمىتىنى قىلىدۇ.

Gade chapit la Kopi




مىسىردىن چىقىش 28:3
16 Referans Kwoze  

مەن شۇنداق دۇئا قىلىمەنكى، رەببىمىز ئەيسا مەسىھنىڭ خۇدائاتىسى، يەنى شانۇشەۋكەتلىك خۇدائاتىمىز مۇقەددەس روھ ئارقىلىق سىلەرگە دانالىق ۋە چوڭقۇر چۈشەنچە ئاتا قىلىپ، ئۆزىنى تېخىمۇ تونۇتقاي!


پەرۋەردىگارنىڭ روھى ئۇنىڭغا چۈشىدۇ، ئۇنىڭغا ئەقىل ۋە ئىدراك بېرىدۇ، ئۇنىڭغا مەسلىھەت ۋە كۈچ-قۇدرەت بېرىدۇ، ئۇنىڭغا بىلىم ۋە ئىتائەتمەنلىك ئاتا قىلىدۇ.


ھەرقانداق ئېسىل ۋە كەم-كۈتىسىز ئىلتىپات خۇدادىن كېلىدۇ. ئاسماندىكى پۈتكۈل يورۇقلۇقلارنى ياراتقان خۇدا يورۇقلۇقتىن پەيدا بولغان كۆلەڭگىلەردەك ئۆزگىرىشچان ئەمەس.


مۇسا ھايات ۋاقتىدا، نۇننىڭ ئوغلى يوشۇۋانىڭ بېشىغا قوللىرىنى قويۇپ، ئۇنى يېتەكچى قىلىپ تەيىنلەنگەنىدى. خۇدا يوشۇۋاغا ئەقىل-پاراسەت ئاتا قىلغانىدى. شۇڭا ئىسرائىللار ئۇنىڭغا بويسۇندى ۋە ئۇلار پەرۋەردىگارنىڭ مۇساغا ئەمر قىلغىنى بويىچە ئىش قىلدى.


چۈنكى پەرۋەردىگار دانالىق ئاتا قىلغۇچىدۇر. بىلىم بىلەن ئەقىل-ئىدراك ئۇنىڭ سۆزىدىن كېلۇر.


پەرۋەردىگار ئۇلارغا ئويمىچىلىق، نەققاشلىق ھۈنىرىنى، شۇنداقلا ئېسىل زىغىر رەختكە كۆك، سۆسۈن، توق قىزىل رەڭلىك يۇڭ يىپلار بىلەن كەشتە تىكىش ھەمدە رەختلەرنى توقۇش قاتارلىق ھەر خىل نەپىس ھۈنەر-سەنئەت ئىقتىدارلىرىنى ئاتا قىلدى. ئۇلار ھەر خىل ئىشلارنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالايدۇ. ئۇلار خىلمۇخىل ھۈنەرلەرگە ماھىردۇر.


مۇسا سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ، يەنە مۇنداق دېدى: _ قاراڭلار! پەرۋەردىگار يەھۇدا قەبىلىسىدىن خۇرنىڭ نەۋرىسى، ئۇرىنىڭ ئوغلى بولغان بىزالئېلنى تاللىدى.


قولى چېۋەر ئاياللار ئۆز قولى بىلەن ئېگىرگەن كۆك، سۆسۈن ۋە توق قىزىل رەڭلىك يىپلىرىنى ھەم ئېسىل زىغىر رەختلىرىنى ئېلىپ كېلىشتى.


ئۇنى ئۆز روھىغا چۆمدۈرۈپ، ئۇنىڭغا ئەقىل-پاراسەت، بىلىم ۋە خىلمۇخىل ھۈنەر-سەنئەت ئىقتىدارىنى ئاتا قىلدى.


شۇڭا ئىبادەت چېدىرىنى پەرۋەردىگارنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە بىزالئېل، ئوھولىئاب ۋە پەرۋەردىگار ئەقىل-پاراسەت، ئىقتىدار ئاتا قىلغان، شۇنداقلا ئىبادەت چېدىرىنى قانداق ياساشنى بىلىدىغان كىشىلەر ياسىسۇن.


ھۇرام نافتالى قەبىلىسىدىن بولغان بىر تۇل ئايالنىڭ بالىسى بولۇپ، ئاتىسى تىرلىق مىسكەر ئىدى. ھۇرام مىسكەرچىلىك ھۆنىرىگە پۇختا، ئىقتىدارلىق ۋە بىلىملىك ئادەم ئىدى. ئۇ پادىشاھ سۇلايماننىڭ تەكلىپىنى قوبۇل قىلىپ، ئۇنىڭ ھەممە ئىشىنى قىلدى.


_ ئاراڭلاردىكى ماھىر ئۇستىلار كېلىپ، مەن پەرۋەردىگار بۇيرۇغان بارلىق نەرسىلەرنى ياسىسۇن:


مۇسا بىزالئېل، ئوھولىئاب ۋە پەرۋەردىگار قابىلىيەت ئاتا قىلغان، شۇنداقلا قەلبى تەسىرلىنىپ، خىزمەت قىلىشنى خالىغان كىشىلەرنى يىغدى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite