27 شۇنداقلا پەرتۇقنىڭ بەل قىسمىنىڭ ئىككى يان تەرىپىگە، يەنى بەل تاسمىسىنىڭ يۇقىرىسىغا ئىككى دانە ئالتۇن ھالقا بېكىتىلسۇن.
پەرتۇقنىڭ بەل تاسمىسى پەرتۇققا ئوخشاش ئېسىل زىغىر رەختتىن تىكىلىپ، زەر يىپ، كۆك، سۆسۈن ۋە توق قىزىل رەڭلىك يۇڭ يىپلار بىلەن كەشتىلىنىپ، پەرتۇققا ئۇلانسۇن.
ۋە كۆكرەكلىكنىڭ تۆۋەن تەرىپىدىكى ئىككى بۇرجەكنىڭ ئىچكى قېتىدىكى ئىككى دانە ئالتۇن ھالقىغا باغلانسۇن.
ئاندىن كۆكرەكلىكنىڭ پەس تەرىپىدىكى ھالقىلار بىلەن پەرتۇقتىكى ھالقىلار بىر تال كۆك يىپ ئارقىلىق ئۆزئارا ئۇلانسۇن. مۇشۇنداق بولغاندا، كۆكرەكلىك پۇلاڭلاپ كەتمەي، پەرتۇققا چاپلىشىپ تۇرىدۇ.