21 ئىسرائىللارنىڭ ئون ئىككى قەبىلىسىگە ۋەكىللىك قىلىدىغان بۇ ئون ئىككى گۆھەرگە ئون ئىككى قەبىلىنىڭ ئىسمى خۇددى مۆھۈرگە ئويۇلىدىغان نەقىشلەردەك ئويۇلسۇن.
شەھەرنىڭ چوڭ ھەم ئېگىز سېپىلى ۋە ئون ئىككى دەرۋازىسى بار ئىدى. ھەربىر دەرۋازىنى بىردىن پەرىشتە ساقلايتتى. ھەربىر دەرۋازىنىڭ ئۈستىگە ئىسرائىللارنىڭ ئون ئىككى قەبىلىسىدىن بىرىنىڭ ئىسمى يېزىلغانىدى.
خۇدانىڭ ۋە رەببىمىز ئەيسا مەسىھنىڭ خىزمەتكارى بولغان مەنكى ياقۇپتىن دۇنيانىڭ نۇرغۇن جايلىرىغا تارقالغان، ئەيسا مەسىھكە ئېتىقاد قىلىدىغان يەھۇدىيلارغا سالام.
سىلەر مېنىڭ پادىشاھلىقىمدا مەن بىلەن ھەمداستىخان بولىسىلەر ۋە تەختلەردە ئولتۇرۇپ، ئىسرائىللارنىڭ ئون ئىككى قەبىلىسىگە ھۆكۈمرانلىق قىلىسىلەر.
قولىغا ئون ئىككى تاش ئالدى. بۇ تاشلار ياقۇپ، يەنى ئىسرائىلنىڭ ئوغۇللىرىدىن كېلىپ چىققان ئىسرائىل خەلقىنىڭ 12 قەبىلىگە ۋەكىللىك قىلاتتى. (پەرۋەردىگار بۇرۇن ياقۇپقا: «سېنىڭ ئىسمىڭ ئىسرائىل بولسۇن» دېگەنىدى.)
ئۇستىلار تەرىپىدىن مۆھۈرگە ئويۇلىدىغان نەقىشلەردەك ئويۇلسۇن. ئاندىن بۇ ئىككى تاش ئالتۇن كۆزلۈككە قويۇلۇپ،
تۆتىنچى قۇرىغا سېرىق ياقۇت، يوللۇق ھېقىق ۋە قىزىل ھېقىق قادالسۇن. بۇلارنىڭ ھەممىسى ئالتۇن كۆزلۈككە ئېلىنىپ، كۆكرەكلىككە قادالسۇن.
كۆكرەكلىكنى پەرتۇققا بېكىتىش ئۈچۈن ساپ ئالتۇندىن ئىككى دانە ئۆرۈمە زەنجىر تەييارلانسۇن.
مۇسا پەرۋەردىگارنىڭ بارلىق ئەمرلىرىنى خاتىرىلىۋالدى. ئۇ ئەتىسى ئەتىگەندە تاغ باغرىدا بىر قۇربانلىق سۇپىسى ياسىدى ۋە 12 تاشنى تىكلىدى. 12 تاش ئىسرائىللارنىڭ 12 قەبىلىسىگە ۋەكىللىك قىلاتتى.
تۆمۈر بىلەن قورام تاشقا ئويۇپ، قوغۇشۇن بىلەن يېزىپ قۇيۇشۇڭلارنى سورايمەن، ئۇ مەڭگۈ ساقلانسۇن.
ئۇ كۈنى پەرۋەردىگارىمىز خۇدا ئۆز خەلقىنى خۇددى پادىچى ئۆز پادىلىرىنى قۇتقۇزغاندەك قۇتقۇزىدۇ. ئۇلار پەرۋەردىگارنىڭ زېمىنىدا خۇددى پادىشاھنىڭ تاجىدىكى ياقۇتلاردەك چاقنايدۇ.