Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




مىسىردىن چىقىش 28:18 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

18 ئىككىنچى قۇرىغا فىرۇزە، كۆك ياقۇت ۋە ئالماس قادالسۇن.

Gade chapit la Kopi




مىسىردىن چىقىش 28:18
13 Referans Kwoze  

تەختتە ئولتۇرغۇچىنىڭ قىياپىتى يېشىل قاشتاش ۋە قىزىل كۋارتسقا ئوخشايتتى. زۇمرەتنى ئەسلىتىدىغان بىر ھەسەن-ھۈسەن تەختنى ئوراپ تۇراتتى.


سەن مېنىڭ ئېرەم بېغىمدا ياشايتتىڭ. سەن قىزىل ياقۇت، توپاز، ئالماس، سېرىق ياقۇت، يوللۇق ھېقىق، قىزىل ھېقىق، كۆك ياقۇت، فىرۇزە ۋە زۇمرەت قاتارلىق قىممەتلىك تاشلار بىلەن بېزەلگەنىدىڭ، زىبۇ-زىننەتلىرىڭ ئالتۇندىن ئىدى. بۇ نەرسىلەر سەن ئاپىرىدە بولغان كۈندە ئاللىقاچان تەييارلىنىپ بولۇنغانىدى.


سەندە تاۋارلار مول بولغاچقا، ئىدوم خەلقىمۇ سەن بىلەن تىجارەت قىلاتتى. ئۇلار فىرۇزە، سۆسۈن رەڭلىك رەختلەر، كەشتىلەنگەن رەختلەر ۋە ئېسىل زىغىر رەختلەرنى ھەمدە مارجان تاشلار ۋە قىزىل ياقۇتلارنى ئېلىپ كېلىپ، سەندە سودا قىلاتتى.


غايىبانە ئالامەتتە مەن كېرۇبلارنىڭ بېشى ئۈستىدىكى سۇپىدا كۆك ياقۇتتىن ياسالغان تەختكە ئوخشايدىغان بىر نەرسىنى كۆردۈم.


ئۇلارنىڭ بېشى ئۈستىدىكى سۇپىنىڭ ئۈستىدە كۆك ياقۇتتىن ياسالغان تەختكە ئوخشايدىغان بىر نەرسە بار ئىدى. تەختكە ئوخشايدىغان ئۇ نەرسىدە ئادەمگە ئوخشايدىغان بىرى ئولتۇراتتى.


پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «ئى يەھۇدىيە خەلقى، گۇناھلىرىڭلار تۆمۈر قەلەم بىلەن تاش يۈرىكىڭلارغا، قۇربانلىق سۇپىلىرىڭلارنىڭ بۇرجەكلىرىگە ئويۇپ يېزىلغاندۇر.


سېرىق ياقۇت قويۇلغان ئالتۇندۇر ئۇنىڭ بىلەكلىرى، كۆك ياقۇتتا بېزەلگەن پىل چىشىدۇر بويلىرى.


ئۇنىڭ قىممىتىنى ئوفىرنىڭ ئالتۇنى، قىممەتلىك يوللۇق ھېقىق تاش ۋە كۆك ياقۇتنىڭ قىممىتى بىلەن ئۆلچىگىلى بولمايدۇ.


يەر ئاستىدىكى تاشلاردىن كۆك ياقۇت چىقىدۇ، قۇم ئىچىدە ئالتۇن كۆمۈلۈپ ياتىدۇ.


ئىككىنچى قۇرىغا فىرۇزە، كۆك ياقۇت ۋە ئالماس قادىدى.


ئۇلار ئىسرائىللار ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇدانى كۆردى! ئۇنىڭ ئايىغى ئاستىدا ئاسمانغا ئوخشاش سۈپسۈزۈك كۆك ياقۇت پايانداز بار ئىدى.


كۆكرەكلىكنىڭ ئۈستىگە تۆت قۇر گۆھەر قادالسۇن. بىرىنچى قۇرىغا قىزىل ياقۇت، توپاز ۋە زۇمرەت قادالسۇن.


ئۈچىنچى قۇرىغا سۆسۈن ياقۇت، ھېقىق ۋە سۆسۈن كۋارتس قادالسۇن.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite