11 ئۇستىلار تەرىپىدىن مۆھۈرگە ئويۇلىدىغان نەقىشلەردەك ئويۇلسۇن. ئاندىن بۇ ئىككى تاش ئالتۇن كۆزلۈككە قويۇلۇپ،
مەڭگۈ ھايات خۇدانىڭ مۆھرىنى ئېلىپ كۈنچىقىشتىن كەلگەن باشقا بىر پەرىشتىنىمۇ كۆردۈم. ئۇ قاتتىق ئاۋاز بىلەن قۇرۇقلۇق ۋە دېڭىزلارنى بۇزۇپ تاشلاش ھوقۇقى بېرىلگەن ئاشۇ تۆت پەرىشتىگە:
بىراق، خۇدا قۇرغان ئۇل ئۇل - ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكىنى، خۇدانىڭ ھەقىقىتىنى ياكى ئەيسا مەسىھنىڭ ئۆزىنى كۆرسىتىشى مۇمكىن. مەزمۇت تۇرماقتا. ئۇنىڭدا مۇنۇ سۆزلەر مۆھۈرلىنىپ يېزىلغان: ╟رەببىمىز ئۆزىگە مەنسۇپ كىشىلەرنى تونۇيدۇ╚، ╟ئۆزلىرىنى رەببىمىزگە مەنسۇپ دەيدىغان كىشىلەر يامانلىقلاردىن قول ئۈزسۇن.╚
خۇدانىڭ مۇقەددەس روھىنى قايغۇغا سالماڭلار. چۈنكى، مۇقەددەس روھ بولسا سىلەرنىڭ خۇداغا مەنسۇپ بولغانلىقىڭلارنىڭ مۆھرى بولۇپ، ئۈزۈل-كېسىل قۇتقۇزۇلىدىغان كۈنۈڭلارنىڭ يېتىپ كېلىدىغانلىقىغا كاپالەتلىك قىلىدۇ.
سىلەر يەھۇدىي ئەمەسلەرمۇ ھەقىقەتنى، يەنى ئۆزۈڭلارنىڭ قۇتقۇزۇلۇشۇڭلار توغرىسىدىكى خۇش خەۋەرنى ئاڭلاپ، ئەيسا مەسىھكە ئىشەندىڭلار ھەم ۋەدە قىلىنغان مۇقەددەس روھ بىلەن مۆھۈرلەندىڭلار. بۇ، خۇداغا مەنسۇپ بولغانلىقىڭلارنىڭ بەلگىسىدۇر.
قاراڭلار، مەن يوشۇۋانىڭ ئالدىغا بىر تاش قويدۇم، ئۇنىڭ يەتتە يۈزى بار. مەن ئۇنىڭ ئۈستىگە خەتلەرنى ئويۇپ، بۇ زېمىندىكى بارلىق گۇناھلارنى بىر كۈندىلا كۆتۈرۈۋېتىمەن.
پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «ئەي يەھۇدىيە پادىشاھى يىھوياقىمنىڭ ئوغلى يىھوياكىن، مەن مەڭگۈ ھايات پەرۋەردىگار شۇنداق قەسەم قىلىمەنكى، گەرچە سەن مېنىڭ ئوڭ قولۇمدىكى مۆھۈرلۈك ئۈزۈك بولساڭمۇ، لېكىن مەن سېنى قولۇمدىن ئېلىپ تاشلايمەن.
ۋە پەرتۇقنىڭ مۈرە تاسمىسىنىڭ ئۈستىدىكى ئالتۇن كۆزلۈكلەردىن ئۆتكۈزۈپ، كۆكرەكلىكنىڭ ئۈستى تەرىپىدىكى ھالقىلارغا باغلاپ قويدى.
تۆتىنچى قۇرىغا سېرىق ياقۇت، يوللۇق ھېقىق ۋە قىزىل ھېقىق قادىدى. بۇلارنىڭ ھەممىسىنى ئالتۇن كۆزلۈككە ئېلىپ، كۆكرەكلىككە قادىدى.
ئىككى دانە يوللۇق ھېقىقنى ئالتۇن كۆزلۈككە قويۇپ، ئاندىن ئىسرائىللارنىڭ ئون ئىككى قەبىلىسىنىڭ، يەنى ئىسرائىلنىڭ ئون ئىككى ئوغلىنىڭ ئىسىملىرىنى ئۇلارنىڭ ئۈستىگە مۆھۈرگە ئويۇلىدىغان نەقىشلەردەك ئويدى.
ھارۇننىڭ سەللىسىنىڭ ئالدىغا تاقاش ئۈچۈن ساپ ئالتۇندىن بىر دانە ئالاھىدە قاداق ياسالسۇن ۋە ئۇنىڭ ئۈستىگە «پەرۋەردىگارغا ئاتالدى» دېگەن خەتلەر مۆھۈرگە ئويۇلغاندەك ئويۇلسۇن.
پەرتۇقنىڭ مۈرە تاسمىسىنىڭ ئۈستىدىكى ئالتۇن كۆزلۈكلەرگە
ئىسرائىللارنىڭ ئون ئىككى قەبىلىسىگە ۋەكىللىك قىلىدىغان بۇ ئون ئىككى گۆھەرگە ئون ئىككى قەبىلىنىڭ ئىسمى خۇددى مۆھۈرگە ئويۇلىدىغان نەقىشلەردەك ئويۇلسۇن.
بىر تاشتا ئالتىدىن ئىسىم بولسۇن. تاشقا ئۇلارنىڭ ئىسىملىرى تۇغۇلۇش تەرتىپى بويىچە
پەرتۇقنىڭ ئىككى دانە مۈرە تاسمىسىغا قادىلىپ، ئىسرائىللارنىڭ خاتىرە تېشى قىلىنسۇن. ھارۇن ئۇلارنىڭ ئىسىملىرىنى مۈرىسىگە مانا مۇشۇنداق بېكىتىپ، ماڭا، يەنى مەن پەرۋەردىگارغا خەلقىمنى دائىم ئەسلىتىپ تۇرىدۇ.
تۆمۈر بىلەن قورام تاشقا ئويۇپ، قوغۇشۇن بىلەن يېزىپ قۇيۇشۇڭلارنى سورايمەن، ئۇ مەڭگۈ ساقلانسۇن.