Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




مىسىردىن چىقىش 27:8 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

8 قۇربانلىق سۇپىسىنىڭ ئوتتۇرىسى كاۋاك قىلىنىپ، تاختايدىن ياسالسۇن. قۇربانلىق سۇپىسى مەن تاغدا ساڭا كۆرسەتكەن نۇسخىدا تاختايدىن ياسالسۇن.

Gade chapit la Kopi




مىسىردىن چىقىش 27:8
9 Referans Kwoze  

بۇلارنىڭ ھەممىسى مەن ساڭا تاغدا كۆرسەتكەن نۇسخا بويىچە كۆڭۈل قويۇپ ياسالسۇن.


ئىبادەت چېدىرى ۋە ئىچىدىكى نەرسىلەر مەن ساڭا كۆرسەتكەن نۇسخىغا ئوخشاش ياسالسۇن.


بۇ روھانىيلار خىزمەت قىلىدىغان ئىبادەت چېدىرى ۋە ئۇنىڭدا قىلىنىدىغان خىزمەتلەر پەقەتلا ئەرشتىكى چېدىرنىڭ ۋە ئۇنىڭدا قىلىنىدىغان خىزمەتلەرنىڭ كۆچۈرۈلمە نۇسخىسى ۋە كۆلەڭگىسىدۇر. دەرۋەقە، مۇسا پەيغەمبەر دەل ئىبادەت چېدىرىنى قۇرماقچى بولۇۋاتقاندا، خۇدا ئۇنىڭغا: «بۇلارنىڭ ھەممىسى مەن ساڭا تاغدا كۆرسەتكەن نۇسخا بويىچە ئېھتىيات بىلەن ياسالسۇن» دەپ ئاگاھلاندۇرغان.


ماڭا قىلغان ئىبادىتى بىھۇدىدۇر. چۈنكى، ئۆگەتكەنلىرى خۇدانىڭ ئەمرلىرى ئەمەس، بەلكى ئۆزلىرى چىقىرىۋالغان پەتىۋالاردۇر.»


داۋۇت مۇنداق دېدى: _ مەن بۇلارنىڭ ھەممىسىنى پەرۋەردىگارنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە تەپسىلى يېزىپ چىقتىم.


داۋۇت ئوغلى سۇلايمانغا ئىبادەتخانىنىڭ قۇرۇلمىسىنى، يەنى ئىبادەتخانىنىڭ ئايۋانى، ئامبارلىرى، يۇقىرى خانىلىرى، ئىچكىرى خانىلىرى ۋە ئەڭ مۇقەددەس جاينىڭ، يەنى گۇناھ ساقىت قىلىنىش جايىنىڭ لايىھەسىنى بەردى.


ئەجدادلىرىمىز چۆلدە ياشىغان ۋاقتىدا، ئەھدە چېدىرى دەپمۇ ئاتالغان ئىبادەت چېدىرى تىككەنىدى ۋە قەيەرگە بارسا ئۇنى ئۆزلىرى بىلەن بىللە يۆتكەپ، ئۇنىڭدا خۇداغا ئىبادەت قىلاتتى. ئىبادەت چېدىرى خۇدا مۇسا پەيغەمبەرگە كۆرسەتكەن نۇسخا بويىچە ياسالغانىدى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite