مىسىردىن چىقىش 27:7 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى7 بالداقلار قۇربانلىق سۇپىسىنى كۆتۈرگەندە، قۇربانلىق سۇپىسىنىڭ ئىككى يېنىدىكى ھالقىلارغا ئۆتكۈزۈلسۇن. Gade chapit la |
ھارۇن ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرى مۇقەددەس بۇيۇملارنىڭ ئۈستىنى ياپقاندىن كېيىن، چېدىرلارنى كۆچۈرۈشكە تەييار بولغاندا، قوھاتلار بالداقلار بىلەن ئۇلارنى توشۇسۇن. بىراق قوھاتلار بۇ مۇقەددەس نەرسىلەرگە قول تەگكۈزمىسۇن! ئەگەر ئۇلار ئۇ نەرسىلەرگە قول تەگكۈزسە، ھالاك بولىدۇ. ئۇچرىشىش چېدىرىدىكى بۇ مۇقەددەس نەرسىلەرنى توشۇش قوھاتلارنىڭ ۋەزىپىسىدۇر.