Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




مىسىردىن چىقىش 27:3 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

3 قۇربانلىق سۇپىسىدا ئىشلىتىلىدىغان كۈل قاچىسى، گۈرجەك، داس، ئارا ۋە چوغدان قاتارلىق نەرسىلەرنىڭ ھەممىسى تۇچتىن ياسالسۇن.

Gade chapit la Kopi




مىسىردىن چىقىش 27:3
17 Referans Kwoze  

كۈل قاچىلىرى، گۈرجەكلەر ۋە داسلار. ھۇرام سۇلايمان پادىشاھنىڭ تەلىپى بىلەن پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىدا ئىشلىتىلىدىغان بۇ نەرسىلەرنى پارقىراق تۇچتىن قۇيۇپ چىقتى.


كۈل قاچىلىرى، گۈرجەكلەر ۋە ئارىلار. ھۇرام سۇلايمان پادىشاھنىڭ تەلىپى بىلەن پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىدا ئىشلىتىلىدىغان بۇ نەرسىلەرنى پارقىراق تۇچتىن قۇيۇپ چىقتى.


ھۇرام يەنە كۈل قاچىسى، گۈرجەك ۋە داسلارنى ياسىدى. شۇنداق قىلىپ، ئۇ خۇدانىڭ ئىبادەتخانىسى ئۈچۈن پادىشاھ سۇلايمان بۇيرۇغان ھەممە ئىشلارنى پۈتتۈردى.


ئالتۇن ئارا، ئالتۇن داس، ئالتۇن چەينەك، ئالتۇن قاچىلار، كۈمۈش قاچىلار ۋە


بۇنىڭدىن باشقا، ئالتۇن ۋە كۈمۈش چوغدانلارنى، ئالتۇن ۋە كۈمۈش داسلارنى ئېلىپ كەتتى.


ھۇرام يەنە كۈل قاچىسى، گۈرجەك ۋە داسلارنى ياسىدى. شۇنداق قىلىپ، ئۇ پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسى ئۈچۈن پادىشاھ سۇلايمان بۇيرۇغان بارلىق ئىشلارنى پۈتتۈردى.


ئۇنىڭ ئۈستىگە قۇربانلىق سۇپىسىدا ئىشلىتىلىدىغان بارلىق سايمانلارنى، يەنى چوغدان، ئارا، گۈرجەك ۋە داسلارنى قويۇپ، كېيىن نەپىس ئىشلەنگەن تېرىنى ئۈستىگە يېپىپ قويسۇن. ئاندىن كۆتۈرىدىغان بالداقلارنى جايىغا ئورناتسۇن.


ئاندىن ھۇزۇرۇمدىكى قۇربانلىق سۇپىسىدىن چوغ ئېلىپ، ئىسرىقداننى تولدۇرسۇن ۋە يۇمشاق ئېزىلگەن خۇشبۇي ئىسرىقلاردىن بىر ئوچۇم ئېلىپ، پەردىنىڭ كەينىدىكى ئەڭ مۇقەددەس جايغا كىرسۇن


ئۇ قۇربانلىق سۇپىسىدا ئىشلىتىلىدىغان كۈل قاچىسى، گۈرجەك، داس، ئارا ۋە چوغدان قاتارلىق نەرسىلەرنىڭ ھەممىسىنى تۇچتىن ياسىدى.


مۇسا قۇربانلىقلارنىڭ قېنىنىڭ يېرىمىنى داشقا ئېلىپ قويۇپ، يېرىمىنى قۇربانلىق سۇپىسىغا چاچتى.


قۇربانلىق سۇپىسىنىڭ تۆت بۇرجىكىدە بۆرتۈپ چىققان شەكىللەر بولسۇن. بۇ شەكىللەر قۇربانلىق سۇپىسى بىلەن بىرلىكتە ياسىلىپ، پۈتۈن سۇپا تۇچ بىلەن قاپلانسۇن.


بۇنىڭدىن باشقا، قۇربانلىق سۇپىسىغا تۇچتىن بىر شالا ياسىلىپ، قۇربانلىق سۇپىسىنىڭ يېرىم چوڭقۇرلۇقىدىكى شالا تەكچىسىنىڭ ئۈستىگە قويۇلسۇن. تۇچتىن تۆت دانە ھالقا ياسىلىپ، قۇربانلىق سۇپىسىنىڭ تۆت بۇرجىكىگە، يەنى شالانىڭ ئۇدۇلىغا ئورنىتىلسۇن.


ئالتۇن پىيالىلەر، ئالتۇن پىلىك قايچىلىرى، ئالتۇن داسلار، ئالتۇن ئىسرىق تەخسىلىرى، ئالتۇن چوغدانلار، ئەڭ مۇقەددەس جاي بولغان ئىچكىرىكى خانىنىڭ ۋە ئاساسىي خانىنىڭ ئىشىكلىرىنىڭ ئالتۇن بىلەن قاپلانغان مۇجۇقلىرى.


ئۇلار يەنە كۈل قاچىلىرى، گۈرجەكلەر، پىلىك قايچىلىرى، ئىسرىق تەخسىلىرى ۋە ئىبادەتخانىدا ئىشلىتىلىدىغان باشقا تۇچ بۇيۇملارنىڭ ھەممىسىنى ئېلىپ كەتتى.


ئىبادەت چېدىرىدىكى بۇيۇملار، ھويلا ۋە چېدىرغا كېرەكلىك قوزۇقلار تۇچتىن ياسالسۇن.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite