Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




مىسىردىن چىقىش 27:19 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

19 ئىبادەت چېدىرىدىكى بۇيۇملار، ھويلا ۋە چېدىرغا كېرەكلىك قوزۇقلار تۇچتىن ياسالسۇن.

Gade chapit la Kopi




مىسىردىن چىقىش 27:19
14 Referans Kwoze  

يەھۇدىيە خەلقىدىن خۇددى ئۇل تېشىدەك، چېدىر قوزۇقىدەك، جەڭ ئوقياسىدەك يېتەكچىلەر چىقىدۇ.


سىئون تېغىغا قاراڭلار! ھېيتلىرىمىزنى ئۆتكۈزۈۋاتقان شەھىرىمىزگە قاراڭلار. سىلەر يېرۇسالېمنىڭ خاتىرجەم يەرگە ئايلانغانلىقىنى، ئۇنىڭ يۆتكىگىلى بولمايدىغان چېدىردەك مەزمۇت ئورناپ كەتكەنلىكىنى ئۆز كۆزۈڭلار بىلەن كۆرىسىلەر. ئۇنىڭ قوزۇقلىرىنى سۇغۇرۇۋالغىلى بولمايدۇ، ئۇنىڭ ئارغامچىلىرىنى ھېچكىم ئۈزەلمەيدۇ.


دانالارنىڭ سۆزلىرى خۇددى پادىچىلارنىڭ قولىدىكى تاياققا ئوخشايدۇ، ئۇلارنىڭ توپلانغان ھېكمەتلىرى خۇددى تاياققا چىڭ قېقىلغان مىخلارغا ئوخشايدۇ. بۇ ھېكمەتلەرنى پادىچىسى بەرگەندۇر.


بىراق ھازىر سەن پەرۋەردىگارىمىز خۇدا بىزگە قىسقا بىر ۋاقىت ئىچىدە مېھىر-شەپقەت كۆرسەتتىڭ ۋە بىزنىڭ ئاز بىر قىسمىمىزنى بولسىمۇ سۈرگۈندىن قۇتۇلدۇرۇپ، بۇ مۇقەددەس ماكاندا ئامان-ئېسەنلىككە ئىگە قىلدىڭ. سەن بىزگە ئۈمىد بېرىپ، قۇللۇقتىكى ھاياتىمىزغا بىرئاز بولسىمۇ ئاراملىق بەردىڭ.


ھويلىنى چۆرىدەپ تۇرىدىغان تۈۋرۈكلىرى، تۈۋرۈك پۇتلىرى، قوزۇقلىرى، تانىلىرى ۋە سايمان-جابدۇقلىرىنى توشۇشقا مەسئۇل بولسۇن. ھەربىر ئادەمنىڭ نېمىنى توشۇيدىغانلىقىنى ئېنىق بەلگىلەپ بەرسۇن.


ھويلىنىڭ تۆت ئەتراپىنى توسىدىغان رەختلەر، تۈۋرۈكلەر، تۈۋرۈك پۇتلىرى، ھويلىنىڭ كىرىش ئېغىزىنىڭ پەردىسى، تانىلار، قوزۇقلار ۋە چېدىردا ئىشلىتىلىدىغان باشقا نەرسىلەر،


ھويلىنىڭ ئەتراپىدىكى تۈۋرۈكلەرنىڭ پۇتلىرى، ھويلىنىڭ كىرىش ئېغىزىدىكى تۈۋرۈكلەرنىڭ پۇتلىرى، ئىبادەت چېدىرى ۋە ھويلىغا ئىشلىتىلگەن قوزۇقلار ئۈچۈن ئىشلىتىلگەنىدى.


ئىبادەت چېدىرى ۋە ھويلىغا ئىشلىتىلىدىغان بارلىق قوزۇقلار تۇچتىن ياسالدى.


قوزۇقلار، تانىلار،


قۇربانلىق سۇپىسىدا ئىشلىتىلىدىغان كۈل قاچىسى، گۈرجەك، داس، ئارا ۋە چوغدان قاتارلىق نەرسىلەرنىڭ ھەممىسى تۇچتىن ياسالسۇن.


ھويلىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 50 مېتىر، كەڭلىگى 25 مېتىر، ھويلىنى ئوراپ تۇرغان ئېسىل زىغىر رەختلەرنىڭ ئېگىزلىكى 2.5 مېتىر بولسۇن. تۈۋرۈكلەرنىڭ پۇتلىرى تۇچتىن ياسالسۇن.


_ سەن ئىسرائىللارغا بۇيرۇغىن، ئۇلار ساڭا ساپ زەيتۇن يېغى ئەكېلىپ بەرسۇن. سەن ئۇنى چىراغلارغا ئىشلەتكىن، چىراغلار تۈن بويى يېنىپ تۇرسۇن.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite