17 ھويلىنىڭ تۆت ئەتراپىدىكى بارلىق تۈۋرۈكلەرنىڭ بېشى ياپىلاق كۈمۈش چەمبەر بىلەن قاپلانسۇن ۋە تۈۋرۈكلەردە كۈمۈش ئىلمەكلەر بولسۇن. تۈۋرۈكلەرنىڭ پۇتلىرى تۇچتىن ياسالسۇن.
ھويلىنىڭ كىرىش ئېغىزىغا ئېسىل زىغىر رەختتىن 10 مېتىر كەڭلىكتە بىر پەردە تىكىلىپ، ئۇ كۆك، سۆسۈن ۋە توق قىزىل رەڭلىك يۇڭ يىپ بىلەن كەشتىلەنسۇن. پەردە تۆت دانە پۇتقا بېكىتىلگەن تۆت تۈۋرۈككە ئېسىلسۇن.
ھويلىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 50 مېتىر، كەڭلىگى 25 مېتىر، ھويلىنى ئوراپ تۇرغان ئېسىل زىغىر رەختلەرنىڭ ئېگىزلىكى 2.5 مېتىر بولسۇن. تۈۋرۈكلەرنىڭ پۇتلىرى تۇچتىن ياسالسۇن.
تۈۋرۈكلەرگە بېكىتىلگەن ئىلمەكلەر، چەمبەرلەر ۋە تۈۋرۈكلەرنىڭ بېشىنى قاپلاش ئۈچۈن 40 كىلو كۈمۈش ئىشلىتىلگەنىدى.
بۇ تۇچلار ئۇچرىشىش چېدىرىنىڭ كىرىش ئېغىزىدىكى تۈۋرۈك پۇتلىرى، قۇربانلىق سۇپىسى ۋە ئۇنىڭ شالاسى، قۇربانلىق سۇپىسىدا ئىشلىتىلىدىغان نەرسىلەر،