Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




مىسىردىن چىقىش 27:1 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

1 _ ئۇلار ئاكاتسىيە ياغىچىدىن تۆت چاسا شەكىللىك بىر قۇربانلىق سۇپىسى ياسىسۇن. ئۇنىڭ ئېگىزلىكى 1.5 مېتىر، ئۇزۇنلۇقى ۋە كەڭلىكى 2.5 مېتىر بولسۇن.

Gade chapit la Kopi




مىسىردىن چىقىش 27:1
20 Referans Kwoze  

بىزلەرنىڭ شۇنداق بىر قۇربانلىق سۇپىمىز باركى، بىز ئۇنىڭدىكى گۇناھلارنىڭ بەدىلى ئۈچۈن ئاتالغان قۇربانلىقتىن بەھرىمەن بولالايمىز. ئەينى چاغدا ئىبادەت چېدىرىدا خىزمەتتە بولغان روھانىيلار بولسا گۇناھلارنىڭ بەدىلى ئۈچۈن ئاتالغان قۇربانلىقلاردىن بەھرىمەن بولالمايتتى.


سۇلايمان يەنە قۇربانلىق سۇپىسى ياساتتى. قۇربانلىق سۇپىسىنىڭ ئۇزۇنلۇقى ۋە كەڭلىكى 10 مېتىر، ئېگىزلىكى 5 مېتىر بولۇپ، تۇچ بىلەن قاپلانغانىدى.


گاد پەيغەمبەر شۇ كۈنى داۋۇتنىڭ يېنىغا كېلىپ ئۇنىڭغا: _ سىلى يىبۇسلاردىن بولغان ئاراۋنانىڭ خامىنىغا بېرىپ، ئۇ يەردە پەرۋەردىگارغا ئاتاپ بىر قۇربانلىق سۇپىسى سالسىلا، _ دېدى.


ئۇچرىشىش چېدىرىنىڭ، يەنى ئىبادەت چېدىرىنىڭ ئالدىغا كۆيدۈرمە قۇربانلىق سۇپىسىنى قويۇپ، ئۈستىگە كۆيدۈرمە قۇربانلىق ۋە ئاشلىق ھەدىيەلىرىنى قويدى. مۇسا بۇلارنى پەرۋەردىگارنىڭ ئەمر قىلغىنى بويىچە قىلدى.


ئۇنىڭدىن كېيىن، قۇربانلىق سۇپىسىنى ۋە ئۇنىڭدا ئىشلىتىلىدىغان بارلىق نەرسىلەرنى مۇقەددەس ياغ بىلەن ياغلاپ، ماڭا بېغىشلىغىن. شۇندىلا قۇربانلىق سۇپىسى ئەڭ مۇقەددەس بولىدۇ.


مۇسا پەرۋەردىگارنىڭ بارلىق ئەمرلىرىنى خاتىرىلىۋالدى. ئۇ ئەتىسى ئەتىگەندە تاغ باغرىدا بىر قۇربانلىق سۇپىسى ياسىدى ۋە 12 تاشنى تىكلىدى. 12 تاش ئىسرائىللارنىڭ 12 قەبىلىسىگە ۋەكىللىك قىلاتتى.


قۇربانلىق سۇپىسى ۋە ئۇنىڭ تۇچ شالاسى، قۇربانلىق سۇپىسىدا ئىشلىتىلىدىغان نەرسىلەر، قۇربانلىق سۇپىسىنى كۆتۈرۈش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان بالداقلار، پاكلىنىش دېسى ۋە داس قويغۇچ،


ئۇلار ئەھدە ساندۇقى، شىرە، چىراغدان، قۇربانلىق سۇپىسى، ئىسرىقدان، مۇقەددەس جايدا ئىشلىتىلىدىغان جابدۇقلار ۋە ئەڭ مۇقەددەس جايغا كىرىدىغان ئىشىكتىكى پەردىگە ۋە شۇلارغا مۇناسىۋەتلىك ئىشلارغا مەسئۇل ئىدى.


قۇربانلىق سۇپىسىدىكى كۈللەرنى تازىلاپ، ئۈستىگە سۆسۈن رەڭلىك رەخت ياپسۇن.


پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسى ئالدىدىكى تۇچ بىلەن قاپلاپ ياسالغان قۇربانلىق سۇپىسى ئەسلىدە يېڭى قۇربانلىق سۇپىسى بىلەن ئىبادەتخانىنىڭ ئوتتۇرىسىدا بولۇپ، پادىشاھ ئاخاز ئۇنى يۆتكەپ، يېڭى قۇربانلىق سۇپىسىنىڭ شىمال تەرىپىگە قويدۇردى.


ھارۇن ۋە ئۇنىڭ ئەۋلادلىرىلا روھانىي بولۇپ، ئۇلار خۇداغا ئاتاپ قۇربانلىق سۇپىسىدا كۆيدۈرمە قۇربانلىق قىلاتتى ۋە ئىسرىقداندا ئىسرىق سالاتتى. ئۇلار خۇدانىڭ خىزمەتكارى مۇسا پەيغەمبەرنىڭ بۇيرۇقلىرىغا ئاساسەن، ئىسرائىل خەلقىنىڭ گۇناھىنىڭ كەچۈرۈم قىلىنىشى ئۈچۈن ئەڭ مۇقەددەس بولغان بۇ جايدىكى ھەممە مەجبۇرىيەتلەرنى ئادا قىلاتتى.


يوزاداقنىڭ ئوغلى يوشۇۋا بىلەن ئۇنىڭ روھانىي قېرىنداشلىرى ۋە شىئالتېلنىڭ ئوغلى زىرۇببابەل بىلەن ئۇنىڭ تۇغقانلىرى ئىسرائىللار ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇدانىڭ قۇربانلىق سۇپىسىنى ياساشقا باشلىدى. ئۇلار ئۇنى خۇدانىڭ يېقىن ئادىمى مۇسا پەيغەمبەرگە چۈشۈرۈلگەن تەۋرات قانۇنىدىكى بەلگىلىمىلەرگە بىنائەن كۆيدۈرمە قۇربانلىقلارنى سۇنۇش مەقسىتىدە ياسىدى.


شۇنىڭ بىلەن مۇسا بىر قۇربانلىق سۇپىسى ياساپ، ئۇنىڭ نامىنى «ياھۋەھ-نىسسە» [مەنىسى «پەرۋەردىگار مېنىڭ تۇغۇمدۇر»] دەپ ئاتىدى.


كۆيدۈرمە قۇربانلىق سۇپىسى ۋە قۇربانلىق سۇپىسىغا مۇناسىۋەتلىك نەرسىلەر، پاكلىنىش دېسى ۋە داس قويغۇچ،


تۇچ بىلەن قاپلانغان قۇربانلىق سۇپىسى ۋە ئۇنىڭ تۇچ شالاسى، قۇربانلىق سۇپىسىدا ئىشلىتىلىدىغان نەرسىلەر، قۇربانلىق سۇپىسىنى كۆتۈرۈش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان بالداقلار، پاكلىنىش دېسى ۋە داس قويغۇچ،


كۆيدۈرمە قۇربانلىق سۇپىسىنى ئىبادەت چېدىرى، يەنى ئۇچرىشىش چېدىرىنىڭ ئالدىغا قويغىن.


ئۇنىڭ ئۈستىگە قۇربانلىق سۇپىسىدا ئىشلىتىلىدىغان بارلىق سايمانلارنى، يەنى چوغدان، ئارا، گۈرجەك ۋە داسلارنى قويۇپ، كېيىن نەپىس ئىشلەنگەن تېرىنى ئۈستىگە يېپىپ قويسۇن. ئاندىن كۆتۈرىدىغان بالداقلارنى جايىغا ئورناتسۇن.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite