Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




مىسىردىن چىقىش 26:7 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

7 ئۇنىڭدىن كېيىن بۇ يوپۇقلارنىڭ ئۈستىگە يېپىش ئۈچۈن ئۆچكە تىۋىتىدىن 11 پارچە قېلىن يوپۇق توقۇسۇن.

Gade chapit la Kopi




مىسىردىن چىقىش 26:7
18 Referans Kwoze  

ئەي يىگىتلەر، سىلەرمۇ يېتەكچىلەرگە بويسۇنۇڭلار. ھەممىڭلار بىر-بىرىڭلارغا كەمتەر بولۇڭلار. چۈنكى، مۇقەددەس يازمىلاردا يېزىلغىنىدەك: «خۇدا قارشىدۇر تەكەببۇرلارغا، مېھىر-شەپقەت قىلار كەمتەرلەرگە.»


بەلكى قەلبىڭلاردىكى ئۆچمەس گۈزەللىك، يەنى مۇلايىملىق ۋە تەمكىنلىكىڭلاردىن ئىبارەت بولسۇن چۈنكى، بۇنداق گۈزەللىك خۇدانىڭ ئالدىدا ئىنتايىن قىممەتلىكتۇر.


ئارقىدىن پەرۋەردىگار سىئون تېغىدا خەلق يىغىلغان يەردە كۈندۈزى بۇلۇتنى، كېچىسى يالقۇنجاپ تۇرغان بىر يورۇقلۇقنى پەيدا قىلىدۇ. ئۇنىڭ شان-شەرىپى پۈتكۈل زېمىنغا سايىۋەن بولىدۇ.


نەقەدەر جىلۋە قىلار مەلىكە ھۇجرىسىدا، كەشتىلەنگەندۇر كىيىملىرى زەر ئالتۇندا.


شۇنداقلا ئۆزلىرىنىڭ بارلىق كىيىم-كېچەكلىرىنى، خۇرۇم بۇيۇملىرىنى، ئۆچكە يۇڭىدا توقۇلغان نەرسىلىرىنى ۋە ياغاچ ئەسۋابلىرىنى پاكلىسۇن.


ئۇلار ئىچى ۋە سىرتىدىكى يوپۇقلارنى، كىرىش ئېغىزىغا ئېسىلغان پەردىنى،


قەلبى تەسىرلەنگەن، ھۈنەرگە ماھىر ئاياللار يەنە ئۆچكە تىۋىتىدىن يىپ ئېگىرىشتى.


كۆك، سۆسۈن، توق قىزىل رەڭلىك يىپ، ئېسىل زىغىر رەخت، ئۆچكە تىۋىتى، قىزىل بويالغان قوچقار تېرىسى ۋە چىداملىق تېرە قاتارلىق نەرسىلىرى بارلىرى ئۇلارنى ئېلىپ كېلىپ ھەدىيە قىلىشتى.


كۆك، سۆسۈن، توق قىزىل رەڭلىك يىپ، ئېسىل زىغىر رەخت، ئۆچكە تىۋىتى،


بۇنىڭدىن باشقا، ئۇلارنىڭ ئۈستىگە يېپىش ئۈچۈن قىزىل بويالغان قوچقار تېرىلىرى ۋە ئۇنىڭ ئۈستىگە يېپىش ئۈچۈن چىداملىق تېرىلەر تەييارلانسۇن.


يوپۇقنىڭ ئۇزۇنلۇقىدىن ئېشىپ قالغان قىسمى چېدىرنىڭ كەينىدە يەرنى يېپىپ تۇرسۇن.


بۇ يوپۇقلار كەڭلىكلىرى تەرىپىدىن بىر-بىرىگە ئۇلىنىپ، بەش دانىسى بىر پارچە، يەنە باشقا ئالتە دانىسى بىر پارچە قىلىنىپ ئۇلانسۇن. ئاندىن مۇشۇ پارچىنىڭ كىرىش ئېغىزى تەرىپىدىكى ئالتىنچى پارچىسىنىڭ يېرىمى كەينىگە قايرىلىپ قويۇلسۇن.


_ ئۇلار ئىبادەت چېدىرى ئۈچۈن ئون پارچە يوپۇق تەييارلىسۇن. بۇ يوپۇقلار ئېسىل زىغىر رەختتىن تىكىلىپ، ئۇلارغا قولى چېۋەر ئۇستىلار تەرىپىدىن كۆك، سۆسۈن ۋە توق قىزىل رەڭلىك يۇڭ يىپلار بىلەن كېرۇبلارنىڭ سۈرىتى نەپىس كەشتىلەنسۇن.


كۆك، سۆسۈن ۋە توق قىزىل رەڭلىك يۇڭ يىپ، ئېسىل زىغىر رەخت، ئۆچكە تىۋىتى،


ئەللىك ئالتۇن ئىلمەك ياسىلىپ، بۇ ئىككى پارچە چوڭ يوپۇق بىر-بىرىگە ئۇلانسۇن.


بۇ 11 پارچە يوپۇق ئوخشاش چوڭلۇقتا، يەنى ئۇزۇنلۇقى 15 مېتىر، كەڭلىكى 2 مېتىر بولسۇن.


ئۇلار ئىبادەت چېدىرىنىڭ ئىچى ۋە سىرتىدىكى يوپۇقلارغا، چېدىرىنىڭ كىرىش ئېغىزىدىكى پەردىگە،


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite