35 شىرە ئەڭ مۇقەددەس جاينىڭ سىرتىغا، يەنى مۇقەددەس جاينىڭ شىمال تەرىپىگە، چىراغدان مۇقەددەس جاينىڭ جەنۇب تەرىپىگە قويۇلسۇن.
ئۇ چىراغداننى ئۇچرىشىش چېدىرىنىڭ جەنۇب تەرىپىگە شىرە بىلەن ئۇدۇلمۇئۇدۇل قىلىپ قويدى.
مۇسا شىرەنى ئۇچرىشىش چېدىرىغا ئېلىپ كىرىپ، ئۇنى مۇقەددەس جاينىڭ شىمال تەرىپىگە، ئەڭ مۇقەددەس جاينى توسۇپ تۇرىدىغان پەردىنىڭ سىرتىغا قويدى.
ئىبادەت جايىدا بىر چېدىر تىكىلگەن بولۇپ، ئۇنىڭ مۇقەددەس جاي دەپ ئاتالغان بۆلۈمىدە چىراغدان، شىرە، شىرە ئۈستىدە بولسا خۇداغا ھەدىيە قىلىنغان نانلار بولاتتى.
يېقىلغان چىراغنى ھېچكىم داس ئاستىغا يوشۇرۇپ قويمايدۇ. ئەكسىچە، چىراغداننىڭ ئۈستىگە قويىدۇ. بۇنىڭ بىلەن، ئۆي ئىچىدىكى ئادەملەرگە يورۇقلۇق چۈشىدۇ.
شىرەنى چېدىر ئىچىگە ئېلىپ كىرىپ، ئۈستىگە كېرەكلىك نەرسىلەرنى تىزىپ قويغىن. چىراغداننىمۇ ئېلىپ كىرىپ، چىراغلىرىنى يېقىپ قويغىن.