Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




مىسىردىن چىقىش 26:32 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

32 ئاكاتسىيە ياغىچىدىن ياسالغان تۆت تۈۋرۈككە ئورنىتىلغان ئالتۇن ئىلمەكلەرگە ئېسىپ قويۇلسۇن. تۈۋرۈكلەر ئالتۇن بىلەن قاپلىنىپ، كۈمۈشتىن ياسالغان تۆت پۇتقا ئورنىتىلسۇن.

Gade chapit la Kopi




مىسىردىن چىقىش 26:32
6 Referans Kwoze  

ئوردا گۈللۈكى ئاق ۋە كۆك رەڭلىك پاختا رەختتىن تىكىلگەن پەردىلەر بىلەن بېزەلگەن بولۇپ، بۇ پەردىلەر مەرمەر تاش تۈۋرۈكلەردىكى كۈمۈش ھالقىلارغا سۆسۈن رەڭلىك ئېسىل زىغىر رەخت بىلەن چىگىلگەنىدى. گىرانىت تاش، مەرمەر تاش، سەدەپ ۋە تۈرلۈك رەڭلىك تاشلار ياتقۇزۇلغان يەرنىڭ ئۈستىگە ئالتۇن-كۈمۈشتىن ياسالغان يۆلەنچۈكلۈك ئۇزۇن ئورۇندۇقلار قويۇلغانىدى.


پەردىنى ئېسىش ئۈچۈن بەش دانە تۈۋرۈك ياساپ، ئۇلارنىڭ بېشىنى ئالتۇن بىلەن قاپلىدى ۋە بۇ تۈۋرۈكلەرگە ئالتۇن ئىلمەكلەر بېكىتىپ، تۇچتىن بەش دانە تۈۋرۈك پۇتى ياسىدى.


پەردىنى ئېسىش ئۈچۈن ئىبادەت چېدىرىنىڭ ئالدى تەرىپىگە ئاكاتسىيە ياغىچىدىن بەش دانە تۈۋرۈك ياسىلىپ، تۈۋرۈك بېشى ئالتۇن بىلەن قاپلانسۇن. تۈۋرۈكلەردە ئالتۇن ئىلمەكلەر بولسۇن ھەم تۇچتىن بەش دانە تۈۋرۈك پۇتى ياسالسۇن.


قىزىل بويالغان قوچقار تېرىسى، چىداملىق تېرە، ئاكاتسىيە ياغىچى،


ئېسىل زىغىر رەختتىن بىر پەردە تىكىلىپ، ئۇنىڭغا كۆك، سۆسۈن ۋە توق قىزىل رەڭلىك يۇڭ يىپ بىلەن كېرۇبلارنىڭ سۈرىتى نەپىس كەشتىلىنىپ،


پەردە چېدىر يوپۇقىدىكى قاتار ئىلمەكلەرنىڭ ئاستىغا توغرا كەلسۇن. پەرزلەر يېزىلغان ئىككى تاش تاختا سېلىنغان ئەھدە ساندۇقى پەردىنىڭ كەينىگە قويۇلسۇن. بۇ پەردە ئەڭ مۇقەددەس جاي بىلەن مۇقەددەس جاينى ئايرىپ تۇرىدۇ.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite