مىسىردىن چىقىش 26:31 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى31 ئېسىل زىغىر رەختتىن بىر پەردە تىكىلىپ، ئۇنىڭغا كۆك، سۆسۈن ۋە توق قىزىل رەڭلىك يۇڭ يىپ بىلەن كېرۇبلارنىڭ سۈرىتى نەپىس كەشتىلىنىپ، Gade chapit la |
ئىشلەمچىلەر ئىچىدىكى ئۇستا ھۈنەرۋەنلەر پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەت چېدىرىنى ياساشقا كېرەكلىك بولغان نەرسىلەرنى تەييارلاشقا باشلىدى. چېدىر ئۈچۈن ئون پارچە يوپۇق تەييارلىدى. بۇ يوپۇقلارنى ئېسىل زىغىر رەختتىن تىكىپ، قولى چېۋەر ئۇستىلار ئۇلارغا كۆك، سۆسۈن ۋە توق قىزىل رەڭلىك يۇڭ يىپلار بىلەن كېرۇبلارنىڭ سۈرىتىنى نەپىس كەشتىلىدى.
پەرۋەردىگار ئۇلارغا ئويمىچىلىق، نەققاشلىق ھۈنىرىنى، شۇنداقلا ئېسىل زىغىر رەختكە كۆك، سۆسۈن، توق قىزىل رەڭلىك يۇڭ يىپلار بىلەن كەشتە تىكىش ھەمدە رەختلەرنى توقۇش قاتارلىق ھەر خىل نەپىس ھۈنەر-سەنئەت ئىقتىدارلىرىنى ئاتا قىلدى. ئۇلار ھەر خىل ئىشلارنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالايدۇ. ئۇلار خىلمۇخىل ھۈنەرلەرگە ماھىردۇر.