Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




مىسىردىن چىقىش 26:30 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

30 ئىبادەت چېدىرى مەن ساڭا تاغدا كۆرسەتكەن نۇسخا بويىچە ياسالسۇن.

Gade chapit la Kopi




مىسىردىن چىقىش 26:30
14 Referans Kwoze  

بۇلارنىڭ ھەممىسى مەن ساڭا تاغدا كۆرسەتكەن نۇسخا بويىچە كۆڭۈل قويۇپ ياسالسۇن.


بۇ روھانىيلار خىزمەت قىلىدىغان ئىبادەت چېدىرى ۋە ئۇنىڭدا قىلىنىدىغان خىزمەتلەر پەقەتلا ئەرشتىكى چېدىرنىڭ ۋە ئۇنىڭدا قىلىنىدىغان خىزمەتلەرنىڭ كۆچۈرۈلمە نۇسخىسى ۋە كۆلەڭگىسىدۇر. دەرۋەقە، مۇسا پەيغەمبەر دەل ئىبادەت چېدىرىنى قۇرماقچى بولۇۋاتقاندا، خۇدا ئۇنىڭغا: «بۇلارنىڭ ھەممىسى مەن ساڭا تاغدا كۆرسەتكەن نۇسخا بويىچە ئېھتىيات بىلەن ياسالسۇن» دەپ ئاگاھلاندۇرغان.


ئىبادەت چېدىرى ۋە ئىچىدىكى نەرسىلەر مەن ساڭا كۆرسەتكەن نۇسخىغا ئوخشاش ياسالسۇن.


ئەجدادلىرىمىز چۆلدە ياشىغان ۋاقتىدا، ئەھدە چېدىرى دەپمۇ ئاتالغان ئىبادەت چېدىرى تىككەنىدى ۋە قەيەرگە بارسا ئۇنى ئۆزلىرى بىلەن بىللە يۆتكەپ، ئۇنىڭدا خۇداغا ئىبادەت قىلاتتى. ئىبادەت چېدىرى خۇدا مۇسا پەيغەمبەرگە كۆرسەتكەن نۇسخا بويىچە ياسالغانىدى.


شۇ سەۋەبتىن، ئەرشتىكىگە تەقلىد قىلىپ ياسالغان بۇ نەرسىلەر مۇشۇ ئۇسۇل بىلەن پاكلىنىشى كېرەك ئىدى. بىراق، ئەرشتىكى نەرسىلەر بولسا بۇلاردىن كۆپ ياخشى قۇربانلىقلار بىلەن پاكلىنىشى كېرەك.


ئۇ ئەڭ مۇقەددەس جايدا، يەنى ئىنسان ئەمەس، بەلكى پەرۋەردىگارىمىز خۇدا قۇرغان ھەقىقىي ئىبادەت چېدىرىدا خىزمەت قىلماقتا.


ئىسرائىللار پۈتۈن زېمىنلارنى بويسۇندۇرغاندىن كېيىن، پۈتكۈل خەلق شىلو شەھىرىگە يىغىلىپ، ئۇچرىشىش چېدىرى تىكتى.


ئاندىن كېيىن قوھاتنىڭ ئەۋلادلىرى مۇقەددەس نەرسىلەرنى كۆتۈرۈپ يولغا چىقتى. ئۇلار قارارگاھقا يېتىپ بارغۇچە، ئىبادەت چېدىرى تىكىلىپ بولغانىدى.


_ بىرىنچى ئاينىڭ بىرىنچى كۈنى ئىبادەت چېدىرىنى، يەنى ئۇچرىشىش چېدىرىنى تىكىپ،


قۇربانلىق سۇپىسىنىڭ ئوتتۇرىسى كاۋاك قىلىنىپ، تاختايدىن ياسالسۇن. قۇربانلىق سۇپىسى مەن تاغدا ساڭا كۆرسەتكەن نۇسخىدا تاختايدىن ياسالسۇن.


راملار ۋە بالداقلار ئالتۇن بىلەن قاپلانسۇن ۋە بالداقلار ئۆتكۈزۈلىدىغان ھالقىلارمۇ ئالتۇندىن ياسالسۇن.


پەرۋەردىگارنىڭ مۇساغا كۆرسەتكىنى بويىچە چىراغدان پۇتىدىن تارتىپ تاكى گۈللۈك نەقىشلىرىگىچە پۈتۈنلەي ئالتۇندىن سوقۇلغانىدى. مانا بۇ چىراغداننىڭ ياسىلىشىدۇر.


داۋۇت مۇنداق دېدى: _ مەن بۇلارنىڭ ھەممىسىنى پەرۋەردىگارنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە تەپسىلى يېزىپ چىقتىم.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite