مىسىردىن چىقىش 25:8 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى8 ئۇلار ماڭا ئاتاپ بىر ئىبادەت جايى ياسىسۇن، مەن ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ياشايمەن. Gade chapit la |
ئۇ ۋاقىت كەلگەندە، مەن سىلەرگە سۇنۇشقا بۇيرۇغان كۆيدۈرمە قۇربانلىقىڭلارنى، باشقا قۇربانلىقلارنى، ئوندىن بىر ئۈلۈش ھەدىيەڭلارنى، باشقا شەخسىي ھەدىيەڭلارنى ۋە سۇنۇشقا قەسەم قىلغان ئېسىل ھەدىيەڭلارنى پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا «||خەلقىم بۇ يەردە ماڭا ئىبادەت قىلسۇن | نامىم بۇ يەردە ئۇلۇغلانسۇن||» دەپ بەلگىلەپ بەرگەن يەردە سۇنۇڭلار.
ئۇ ماڭا مۇنداق دېدى: _ ئەي ئادەم بالىسى، مېنىڭ تەختىم بۇ يەردىدۇر، بۇ يەر مېنىڭ پۇت قويىدىغان يېرىمدۇر. مەن بۇ يەردە ئىسرائىللار ئارىسىدا مەڭگۈ ياشايمەن. ئىسرائىل خەلقى ۋە ئىسرائىل پادىشاھلىرى بۇنىڭدىن كېيىن ماڭا ساداقەتسىزلىك قىلىپ، ئۆلۈپ كەتكەن پادىشاھلىرىنىڭ قەبرىلىرىگە تاۋاپ قىلىپ، مۇقەددەس نامىمنى بۇلغىمايدۇ.