2 _ ئىسرائىللار ماڭا ھەدىيە سۇنسۇن. ئۆز رازىلىقلىرى بىلەن سۇنغان ھەدىيەلەرنى قوبۇل قىلىڭلار.
ھەركىم قىينىلىپ تۇرۇپ ياكى مەجبۇرىي ھالدا ئەمەس، ئۆز كۆڭلىدە نىيەت قىلغىنى بويىچە بەرسۇن. چۈنكى، خۇدا خۇشاللىق بىلەن بەرگۈچىنى ياخشى كۆرىدۇ.
سۈرگۈندىن قايتىپ كەلگەنلەر پەرۋەردىگارنىڭ يېرۇسالېمدىكى ئىبادەتخانىسىنىڭ ئورنىغا يېتىپ كەلگەندە، بەزى جەمەت باشلىقلىرى ئىبادەتخانىنى ئەسلى ئورنىغا قايتىدىن سېلىشقا خالىس ھەدىيەلەرنى تەقدىم قىلدى.
خەلق يېرۇسالېمدا تۇرۇشقا رازى بولغانلارغا بەخت-سائادەت تىلىدى.
شۇنىڭ بىلەن بىرگە بابىل ئۆلكىسىدىكى خەلقلەردىن يىغىلغان ئالتۇن-كۈمۈشلەرنى، ئىسرائىللار ۋە روھانىيلار ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇدانىڭ يېرۇسالېمدىكى ئىبادەتخانىسىغا خالىس سۇنۇلغان ھەدىيەلەرنى ئالغاچ كەتكەيلا.
ھەممە قولۇم-قوشنىلار ئۇلارغا ئالتۇن-كۈمۈش قاچىلار، مال-مۈلۈك، چارۋا مال ۋە قىممەتلىك نەرسىلەرنى ياردەم قىلغاندىن باشقا، يەنە ئىبادەتخانا ئۈچۈن خالىس ھەدىيەلەرنى سۇندى.
ئۇنىڭدىن باشقا ئۇلار يەنە كۈندىلىك كۆيدۈرمە قۇربانلىقلارنى، يېڭى ئاي بايرىمى ۋە پەرۋەردىگار بەلگىلىگەن باشقا ھېيتلاردا قىلىشقا تېگىشلىك بولغان كۆيدۈرمە قۇربانلىقلارنى قىلىشقا باشلىدى. شۇنىڭدەك، ئۇلار پەرۋەردىگارغا خالىس ھەدىيەلىرىنى تەقدىم قىلدى.
سەن جەڭ قىلىدىغان كۈنى قوشۇنلىرىڭنى يىغقاندا، تەقۋادارلىرىڭ چىقار ئۆز ئىختىيارلىقىدا. سۈبھىدە كېلۇر نەۋقىرانلار ئالدىڭغا، خۇددى شەبنەم چۈشكەندەك سەن تۇرغان تاغقا.
قەلبىم تەلپۈنەر ئىسرائىللارنىڭ سەركەردىلىرىگە، مايىلدۇر ئىسرائىللارنىڭ پىدائىيلىرىغا. ئېيتىڭلار ھەمدۇسانا پەرۋەردىگارغا!
چۈنكى مەن ئىسرائىللارنىڭ ماڭا ئېلىپ كەلگەن ئوندىن بىر ئۈلۈش ھەدىيەسىنى لاۋىيلارنىڭ نېسىۋىسى قىلدىم. شۇڭا مەن «ئۇلارنىڭ ئىسرائىللار ئارىسىدا نېسىۋىسى بولمايدۇ» دەپ ئېيتتىم.
پەرۋەردىگار مۇساغا مۇنداق دېدى:
ئۇلارنىڭ مۇنداق ھەدىيەلىرىنى قوبۇل قىلىڭلار: ئالتۇن، كۈمۈش، تۇچ،