16 مەن ساڭا بېرىدىغان پەرزلەر يېزىلغان ئىككى تاش تاختا ساندۇقنىڭ ئىچىگە قويۇلسۇن.
ئەھدە ساندۇقى ئىچىدە مۇسا سىناي تېغىدا سېلىپ قويغان ئىككى تاش تاختىدىن باشقا ھېچ نەرسە يوق ئىدى. ئىسرائىللار مىسىردىن چىققاندىن كېيىن، پەرۋەردىگار سىناي تېغىدا ئۇلار بىلەن ئەھدە تۈزگەنىدى.
_ بۇ قانۇن پۈتۈلگەن يازمىنى پەرۋەردىگارىڭلار خۇدانىڭ ئەھدە ساندۇقىنىڭ يېنىغا قويۇڭلار. ئۇ خۇدانىڭ سىلەرنى ئەيىبلىگەنلىكىگە گۇۋاھ بولسۇن.
ئالتۇن ئىسرىقدان ۋە پۈتۈنلەي ئالتۇن بىلەن قاپلانغان ئەھدە ساندۇقى ئۇ يەردە ئىدى. ساندۇقنىڭ ئىچىدە ئالتۇندىن ياسالغان، ماننا سېلىنغان كومزەك، ھارۇننىڭ بىخلىغان ھاسىسى ۋە پەرزلەر يېزىلغان ئىككى تاش تاختا بار ئىدى.
ھارۇن پەرۋەردىگارنىڭ مۇساغا چۈشۈرگەن ئەمرى بويىچە كومزەكنى ساقلاپ قويۇش ئۈچۈن ئەھدە ساندۇقىنىڭ ئالدىغا قويۇپ قويدى.
ئەلۋەتتە، ئۇلارنىڭ ھەر جەھەتتىن كۆپ ئارتۇقچىلىقى بار. بىرىنچىدىن، خۇدانىڭ سۆزى يەھۇدىيلارغا ئامانەت قىلىنغان.
ئەجدادلىرىمىز چۆلدە ياشىغان ۋاقتىدا، ئەھدە چېدىرى دەپمۇ ئاتالغان ئىبادەت چېدىرى تىككەنىدى ۋە قەيەرگە بارسا ئۇنى ئۆزلىرى بىلەن بىللە يۆتكەپ، ئۇنىڭدا خۇداغا ئىبادەت قىلاتتى. ئىبادەت چېدىرى خۇدا مۇسا پەيغەمبەرگە كۆرسەتكەن نۇسخا بويىچە ياسالغانىدى.
باش روھانىي يىھويادا پادىشاھنىڭ ئوغلى يوئاشنى ئېلىپ چىقىپ، بېشىغا تاج كىيدۈردى. ئۇنىڭغا تەۋرات قانۇنىنى تاپشۇرۇپ، ئۇنى پادىشاھ قىلىپ تىكلىدى. ئۇلار يوئاشنىڭ بېشىغا زەيتۇن يېغىنى قۇيدى. خەلق چاۋاك چېلىشىپ، «ياشىسۇن پادىشاھ!» دەپ توۋلاشتى.
ئۇلارنى سەن ئۇچرىشىش چېدىرى ئىچىدىكى ئەھدە ساندۇقىنىڭ ئالدىغا، يەنى مەن پەرۋەردىگار سىلەر بىلەن كۆرۈشىدىغان جاينىڭ ئالدىغا ئورۇنلاشتۇرغىن.
ئەھدە چېدىرى، يەنى ئىبادەت چېدىرىنى ياساشقا ئىشلىتىلگەن ماتېرىياللار مۇسانىڭ تاپشۇرۇقى بويىچە لاۋىيلار تەرىپىدىن كۆزدىن كەچۈرۈلگەن بولۇپ، روھانىي ھارۇننىڭ ئوغلى ئىتامارنىڭ سانىقىدىن ئۆتتى.
مۇسا پەرزلەر يېزىلغان تاش تاختىلارنى ئېلىپ سىناي تېغىدىن چۈشتى. ئۇ پەرۋەردىگار بىلەن سۆزلەشكەنلىكى ئۈچۈن، ئۇنىڭ چىرايىدىن نۇر ياغاتتى. بىراق ئۆزى بۇنى بىلمەيتتى.
مۇسا ئىككى يۈزىگە پەرزلەر يېزىلغان ئىككى تاش تاختىنى ئېلىپ تاغدىن چۈشتى.
خۇدا سىناي تېغىدا مۇساغا بۇ سۆزلەرنى قىلغاندىن كېيىن، پەرزلەر يېزىلغان ئىككى تاش تاختىنى ئۇنىڭغا تاپشۇردى. تاش تاختىغا پەرزلەر خۇدا تەرىپىدىن ئۆز قولى بىلەن يېزىلغانىدى.
بۇ ئىسرىقلاردىن ئازراق ئېلىنىپ، تالقاندەك ئۇششاق يانجىلىپ، ئۇچرىشىش چېدىرى ئىچىدىكى ئەھدە ساندۇقىنىڭ ئالدىغا قويۇلسۇن. مەن ئۇ يەردە سىلەر بىلەن ئۇچرىشىمەن. سىلەر بۇ ئىسرىقنى ئەڭ مۇقەددەس ئىسرىق، دەپ بىلىڭلار.
ئىسرىقدان ئەھدە ساندۇقىنى توسۇپ تۇرغان پەردىنىڭ سىرتىغا، ئەھدە ساندۇقىنىڭ ئۈستىدىكى «گۇناھ ساقىت قىلىنىش جايى»غا قارىتىپ قويۇلسۇن. ئۇ يەر مەن سەن بىلەن ئۇچرىشىدىغان يەردۇر.
ھارۇن ۋە ئۇنىڭ ئەۋلادلىرى ئۇچرىشىش چېدىرىدىكى ئەھدە ساندۇقىنى توسۇپ تۇرغان پەردىنىڭ ئالدىدىكى چىراغلارنى يېقىپ قويسۇن. بۇ چىراغلار مېنىڭ ھۇزۇرۇمدا شام ۋاقتىدىن ئەتىسى سەھەرگىچە يېنىق تۇرسۇن. ئىسرائىللار بۇ مەڭگۈلۈك بەلگىلىمىگە ئەۋلادتىن ئەۋلادقىچە ئەمەل قىلسۇن.
مەن ساڭا بېرىدىغان پەرزلەر يېزىلغان ئىككى تاش تاختا ئاشۇ ساندۇقنىڭ ئىچىگە قويۇلۇپ، ئاندىن ساندۇقنىڭ قاپقىقى يېپىلسۇن.
پەردە چېدىر يوپۇقىدىكى قاتار ئىلمەكلەرنىڭ ئاستىغا توغرا كەلسۇن. پەرزلەر يېزىلغان ئىككى تاش تاختا سېلىنغان ئەھدە ساندۇقى پەردىنىڭ كەينىگە قويۇلسۇن. بۇ پەردە ئەڭ مۇقەددەس جاي بىلەن مۇقەددەس جاينى ئايرىپ تۇرىدۇ.
ئۇنىڭدىن كېيىن، ئۇ پەرزلەر يېزىلغان ئىككى تاش تاختىنى ئەھدە ساندۇقىغا سېلىپ، ئۈستىگە قاپقىقىنى، يەنى «گۇناھ ساقىت قىلىنىش جايى»نى يېپىپ، كۆتۈرۈش بالداقلىرىنى ئەھدە ساندۇقىنىڭ ھالقىسىدىن ئۆتكۈزۈپ،
_ ئەھدە ساندۇقىنى كۆتۈرگەن روھانىيلارنىڭ دەريادىن چىقىشىنى بۇيرۇغىن، _ دېدى.
باش روھانىي يىھويادا ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرى پادىشاھنىڭ ئوغلى يوئاشنى ئېلىپ چىقىپ، بېشىغا تاج كىيدۈردى. ئۇنىڭغا تەۋرات قانۇنىنى تاپشۇرۇپ، ئۇنى پادىشاھ قىلىپ تىكلىدى. ئۇلار يوئاشنىڭ بېشىغا زەيتۇن يېغىنى قۇيدى. خەلق «ياشىسۇن پادىشاھ!» دەپ توۋلاشتى.