13-14 ئۇلار ئەھدە ساندۇقىنى كۆتۈرۈش ئۈچۈن ئاكاتسىيە ياغىچىدىن ئىككى بالداق ياساپ، ئۇلارنى ئالتۇن بىلەن قاپلاپ، ساندۇقنىڭ ئىككى يېنىدىكى ئالتۇن ھالقىلاردىن ئۆتكۈزسۇن.
لاۋىيلار پەرۋەردىگارنىڭ مۇسا ئارقىلىق بەرگەن ئەمرى بويىچە خۇدانىڭ ئەھدە ساندۇقىنى بالداقلار بىلەن مۈرىسىدە كۆتۈرۈپ ماڭدى.
ئۇنىڭ ئۈستىگە قۇربانلىق سۇپىسىدا ئىشلىتىلىدىغان بارلىق سايمانلارنى، يەنى چوغدان، ئارا، گۈرجەك ۋە داسلارنى قويۇپ، كېيىن نەپىس ئىشلەنگەن تېرىنى ئۈستىگە يېپىپ قويسۇن. ئاندىن كۆتۈرىدىغان بالداقلارنى جايىغا ئورناتسۇن.
ھارۇن ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرى ئالتۇن ئىسرىقداننىڭ ئۈستىگە بىر پارچە كۆك رەڭلىك رەخت يېپىپ، نەپىس ئىشلەنگەن تېرىنى ئارتىپ قويسۇن. كۆتۈرىدىغان بالداقلارنى جايىغا ئورناتسۇن.
ئۇلار بۇ نەرسىلەرنىڭ ئۈستىنى بىر پارچە توق قىزىل رەڭلىك رەخت بىلەن يېپىپ، ئۈستىگە يەنە نەپىس ئىشلەنگەن تېرىنى ئارتىپ قويسۇن. كۆتۈرىدىغان بالداقلارنى جايىغا ئورناتسۇن.
ئۇنىڭ ئۈستىنى يەنە نەپىس ئىشلەنگەن تېرە بىلەن يېپىپ، ئارقىدىن كۆك رەڭلىك رەخت ئارتىپ قويسۇن. كۆتۈرىدىغان بالداقلارنى جايىغا ئورناتسۇن.
ئۇنىڭدىن كېيىن، ئۇ پەرزلەر يېزىلغان ئىككى تاش تاختىنى ئەھدە ساندۇقىغا سېلىپ، ئۈستىگە قاپقىقىنى، يەنى «گۇناھ ساقىت قىلىنىش جايى»نى يېپىپ، كۆتۈرۈش بالداقلىرىنى ئەھدە ساندۇقىنىڭ ھالقىسىدىن ئۆتكۈزۈپ،
ئەھدە ساندۇقىنى كۆتۈرۈش ئۈچۈن ئاكاتسىيە ياغىچىدىن ئىككى بالداق ياساپ، ئۇلارنى ئالتۇن بىلەن قاپلىدى. بالداقلار ساندۇقنىڭ ئىككى يېنىدىكى ئالتۇن ھالقىلاردىن ئۆتكۈزۈلەتتى.
بالداقلارمۇ ئاكاتسىيە ياغىچىدىن ياسىلىپ، ئالتۇن بىلەن قاپلانسۇن.
قۇربانلىق سۇپىسىنى كۆتۈرۈش ئۈچۈن ئاكاتسىيە ياغىچىدىن ئىككى دانە بالداق ياسالسۇن ۋە ئۇلار تۇچ بىلەن قاپلانسۇن.
قىزىل بويالغان قوچقار تېرىسى، چىداملىق تېرە، ئاكاتسىيە ياغىچى،
ئالتۇندىن تۆت ھالقا قۇيۇلۇپ، ساندۇقنىڭ تۆت پۇتىغا ئورنىتىلسۇن. ھالقىلار ھەربىر تەرىپىدە ئىككىدىن بولسۇن.
ئەھدە ساندۇقىنىڭ بالداقلىرى ناھايىتى ئۇزۇن بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئۇچىنى ئىچكىرىكى خانىنىڭ ئالدىدا، يەنى ئاساسىي خانىدا تۇرۇپ كۆرگىلى بولاتتى، لېكىن سىرتتىن كۆرگىلى بولمايتتى. ئەھدە ساندۇقى شۇنىڭدىن بېرى شۇ يەردە تۇرماقتا.