10 _ ئۇلار ئاكاتسىيە ياغىچىدىن ئۇزۇنلۇقىنى 125 سانتىمېتىر، كەڭلىكى ۋە ئېگىزلىكىنى 75 سانتىمېتىر قىلىپ، بىر ساندۇق ياسىسۇن.
ئالتۇن ئىسرىقدان ۋە پۈتۈنلەي ئالتۇن بىلەن قاپلانغان ئەھدە ساندۇقى ئۇ يەردە ئىدى. ساندۇقنىڭ ئىچىدە ئالتۇندىن ياسالغان، ماننا سېلىنغان كومزەك، ھارۇننىڭ بىخلىغان ھاسىسى ۋە پەرزلەر يېزىلغان ئىككى تاش تاختا بار ئىدى.
ئاندىن، خۇدانىڭ ئەرشتىكى ئىبادەتخانىسى ئېچىلدى ۋە ئۇنىڭ ئەھدە ساندۇقى ئۇ يەردە كۆرۈندى. شۇئان چاقماقلار چېقىپ، گۈلدۈرمامىنىڭ گۈلدۈر-قاراسلىرى ئاڭلاندى. زېمىن تەۋرىنىپ، دەھشەتلىك مۆلدۈر يېغىپ كەتتى.
سۇلايمان ئايالى بولغان پىرئەۋننىڭ قىزىنى «داۋۇت شەھىرى»دىن ئۇنىڭ ئۈچۈن سالدۇرغان سارايغا كۆچۈرۈپ كەلدى. چۈنكى سۇلايمان: «‹داۋۇت شەھىرى› پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقى ساقلىنىدىغان مۇقەددەس جايدۇر، شۇڭا ئايالىم ئىسرائىلىيەگە پادىشاھ بولغان داۋۇتنىڭ ئوردىسىدا تۇرسا بولمايدۇ» دەپ قارىغانىدى.
ئەھدە ساندۇقى ۋە ئۇنى كۆتۈرۈش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان بالداقلار، ساندۇقنىڭ قاپقىقى، يەنى «گۇناھ ساقىت قىلىنىش جايى»، ئەھدە ساندۇقىنى توسۇپ تۇرىدىغان پەردە،
ئۇلار ئەھدە ساندۇقى، شىرە، چىراغدان، قۇربانلىق سۇپىسى، ئىسرىقدان، مۇقەددەس جايدا ئىشلىتىلىدىغان جابدۇقلار ۋە ئەڭ مۇقەددەس جايغا كىرىدىغان ئىشىكتىكى پەردىگە ۋە شۇلارغا مۇناسىۋەتلىك ئىشلارغا مەسئۇل ئىدى.
چېدىرلارنى كۆچۈرگەن چاغدا ئاۋۋال ھارۇن بىلەن ئۇنىڭ ئوغۇللىرى ئۇچرىشىش چېدىرىغا كىرىپ، ئەھدە ساندۇقىنى توسۇپ تۇرىدىغان پەردىنى چۈشۈرۈپ، ساندۇقنىڭ ئۈستىگە يېپىپ قويسۇن.
ئۇلارنىڭ ۋەزىپىسى تۆۋەندىكى نەرسىلەرنى تەييارلاشتۇر: ئۇچرىشىش چېدىرى ۋە چېدىردىكى بارلىق نەرسىلەر، يەنى ئەھدە ساندۇقى، «گۇناھ ساقىت قىلىنىش جايى»،
ئىبادەت چېدىرى، يەنى ئۇچرىشىش چېدىرىنىڭ تەييارلىق خىزمەتلىرى پۈتۈنلەي تاماملاندى. ئىسرائىللار پەرۋەردىگارنىڭ مۇساغا ئەمر قىلغانلىرىنى بىر-بىرلەپ ئورۇندىدى.
ئۇنىڭ ئۈستىنى يەنە نەپىس ئىشلەنگەن تېرە بىلەن يېپىپ، ئارقىدىن كۆك رەڭلىك رەخت ئارتىپ قويسۇن. كۆتۈرىدىغان بالداقلارنى جايىغا ئورناتسۇن.