9 مۇسا، ھارۇن، ناداب ۋە ئابىھۇ ھەمدە ئىسرائىل ئاقساقاللىرىدىن يەتمىش كىشى تاغقا چىقىشتى.
پەرۋەردىگار مۇساغا: _ سەن ھارۇن، ناداب، ئابىھۇلارنى ۋە ئىسرائىل ئاقساقاللىرىدىن يەتمىش كىشىنى ئېلىپ، بۇ تاغقا چىقىپ، يىراقتا تۇرۇپ بىرلىكتە ماڭا سەجدە قىلىڭلار.
پەرۋەردىگار مۇساغا: _ سەن تاغدىن چۈشۈپ، ھارۇننى باشلاپ كەل. لېكىن روھانىيلار بىلەن خەلق بەلگىلەنگەن چېگرادىن ھالقىپ، بۇ يەرگە كەلمىسۇن. بولمىسا، مەن ئۇلارنى جازالايمەن، _ دېدى.
_ ئىسرائىللار ئىچىدىن ئاكاڭ ھارۇن ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرى ناداب، ئابىھۇ، ئەلئازار ۋە ئىتامارلارنى روھانىيلىققا تەيىنلىگىن.
ھارۇننىڭ ئوغۇللىرىدىن ناداب ۋە ئابىھۇ ئىسرىقدانلىرىنى ئېلىپ، ئىچىگە چوغ ۋە ئىسرىق سېلىپ، ئۇنى پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىغا ئېلىپ كىردى. لېكىن پەرۋەردىگار بۇ ئوتنى ئۆزىنىڭ ھۇزۇرىغا ئېلىپ كىرىشكە ئەمر قىلمىغانىدى.
پەرۋەردىگار مۇساغا مۇنداق دېدى: _ خەلقنىڭ ئارىسىدىكى سەن تونۇيدىغان پېشقەدەم ئاقساقاللار ۋە باشقۇرغۇچىلاردىن يەتمىشنى يىغىپ، ئۇلارنى ئۇچرىشىش چېدىرىغا ئېلىپ كەلگىن. ئۇلار يېنىڭدا تۇرسۇن.
ئەمما پەقەت پادىشاھلا بۇ دەرۋازا ئىمارىتىدىكى خانىدا ئولتۇرۇپ، مېنىڭ ھۇزۇرۇمدا مۇقەددەس تائاملاردىن يېسە بولىدۇ. پادىشاھ بۇ خانىغا باشقا دەرۋازا ئىمارىتى ئارقىلىق تاشقىرىقى ھويلا بىلەن كىرسۇن ۋە شۇ يەر بىلەن چىقىپ كەتسۇن.
بىراق ساڭا ئۆز دىدارىمنى كۆرسەتمەيمەن. چۈنكى مېنى كۆرگەن كىشى تىرىك قالمايدۇ.
ئايالىغا: _ بىز ئۆلىدىغان بولدۇق، چۈنكى بىز خۇدانى كۆردۇق، _ دېدى.
مىكايا يەنە مۇنداق دېدى: _ شۇڭا پەرۋەردىگارنىڭ سۆزىگە قۇلاق سالغايلا! مەن پەرۋەردىگارنىڭ تەختىدە ئولتۇرغىنىنى كۆردۈم. پۈتكۈل ساماۋى جامائەت ئۇنىڭ ئوڭ ۋە سول تەرىپىدە تۇراتتى.
ئۇززىيا پادىشاھ ۋاپات بولغان يىلى، مەن كۆكتە يۈكسەك تەختتە ئولتۇرغان ئىگەمنى كۆردۈم. ئۇنىڭ لىباسىنىڭ ئېتىكى ئىبادەتخانا ئىچىگە تولغانىدى.