Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




مىسىردىن چىقىش 24:8 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

8 شۇنىڭ بىلەن مۇسا داستىكى قاننى خەلقنىڭ ئۇچىسىغا سېپىپ: _ بۇ قان ئەھدە قېنىدۇر، پەرۋەردىگارنىڭ بۇ سۆزلىرى ئۇنىڭ سىلەر بىلەن تۈزگەن ئەھدىسىنىڭ ئاساسىدۇر، _ دېدى.

Gade chapit la Kopi




مىسىردىن چىقىش 24:8
23 Referans Kwoze  

مۇسا قۇربانلىقلارنىڭ قېنىنىڭ يېرىمىنى داشقا ئېلىپ قويۇپ، يېرىمىنى قۇربانلىق سۇپىسىغا چاچتى.


ئۈستۈڭلارغا پاكىز سۇ چاچىمەن، سىلەر پاك بولىسىلەر. سىلەرنى پۈتۈن ناپاكلىقلاردىن ۋە پۈتۈن بۇتلاردىن پاكلايمەن.


بۇ مېنىڭ نۇرغۇن ئادەملەرنىڭ گۇناھلىرىنىڭ كەچۈرۈم قىلىنىشى ئۈچۈن تۆكۈلۈپ، خۇدانىڭ ئەھدىسىنى تۈزىدىغان قېنىمدۇر.


ئامانلىق بەرگۈچى، يەنى مەڭگۈلۈك ئەھدىنىڭ قېنى ئارقىلىق قوي پادىسىنىڭ كاتتا قويچىسى بولغان رەببىمىز ئەيسانى ئۆلۈمدىن تىرىلدۈرگەن خۇدا،


خۇددى شۇنىڭدەك، تاماقتىن كېيىن ئۇ يەنە جامنى قولىغا ئېلىپ: «بۇ جامدىكى شاراب مېنىڭ قېنىم بىلەن تۈزۈلىدىغان خۇدانىڭ يېڭى ئەھدىسىنىڭ بەلگىسىدۇر. ھەر قېتىم بۇنداق شارابتىن ئىچكىنىڭلاردا مېنى ئەسلەپ تۇرۇڭلار» دېدى.


- بۇ، مېنىڭ نۇرغۇن ئادەملەر ئۈچۈن تۆكۈلۈپ، خۇدانىڭ ئەھدىسىنى تۈزىدىغان قېنىمدۇر.


خۇدائاتىمىز ئۆزىنىڭ ئالدىن ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە سىلەرنى تاللىدى، مۇقەددەس روھ سىلەرنى پاك قىلدى. بۇنىڭدىن مەقسەت، سىلەرنىڭ ئەيسا مەسىھكە ئىتائەت قىلىپ، ئۇنىڭ قۇربانلىق قېنى بىلەن گۇناھلىرىڭلاردىن يۇيۇلۇشۇڭلار ئۈچۈندۇر. خۇدا سىلەرگە ھەسسىلەپ مېھىر-شەپقەت ۋە ئامانلىق ئاتا قىلغاي!


تاماقتىن كېيىن، ئۇ يەنە جامنى قولىغا ئېلىپ مۇنداق دېدى: - بۇ جامدىكى شاراب مېنىڭ سىلەر ئۈچۈن تۆكۈلىدىغان قېنىم بىلەن تۈزۈلىدىغان خۇدانىڭ يېڭى ئەھدىسىنىڭ بەلگىسىدۇر.


سىلەر بىلەن قۇربانلىقنىڭ قېنى ئارقىلىق تۈزگەن ئەھدەم بولغانلىقى ئۈچۈن، سۈرگۈندىكى خەلقىڭلارنى سۇسىز ئازگالدىن ئازاد قىلىمەن.


ئەيسا مەسىھنىڭ قۇربانلىق قېنى گۇناھلىرىمىز بەدىلىگە تۆكۈلگەچكە، بىز گۇناھنىڭ قۇللۇقىدىن ئەركىن بولدۇق. گۇناھلىرىمىز كەچۈرۈم قىلىندى. بۇ، خۇدانىڭ بىزگە كۆرسەتكەن چوڭقۇر مېھىر-شەپقىتى ئارقىلىق بولدى.


مانا ئەمدى ئۇ نۇرغۇن ئەللەرنى ھەيرەتتە قالدۇرىدۇ، ئۇنى كۆرگەن پادىشاھلارمۇ ئاغزىنى ئېچىپلا قالىدۇ. چۈنكى ئۇلار ئەزەلدىن خەۋەردار بولۇپ باقمىغان ئىشلارنى كۆرىدۇ، ئەزەلدىن ئاڭلاپ باقمىغان ئىشلارنى بىلىدۇ.


مۇسا مۇقەددەس ياغ ۋە قۇربانلىق سۇپىسىدىكى قاندىن ئازراق ئېلىپ، ھارۇن ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرىغا ھەم ئۇلارنىڭ كىيىملىرىگە چاچتى. شۇنداق قىلىپ، مۇسا ئۇلارنى ۋە ئۇلارنىڭ كىيىملىرىنى پەرۋەردىگارنىڭ خىزمىتىگە بېغىشلىدى.


ئۇنداقتا، بىر كىشى خۇدانىڭ ئوغلىنى دەپسەندە قىلسا، خۇدانىڭ ئەھدىسىنى كۈچكە ئىگە قىلغان ۋە ئۆزىنى پاكلىغان قانغا سەل قارىسا، ئۆزىگە شەپقەت قىلغان مۇقەددەس روھنى ھاقارەت قىلسا، تېخىمۇ ئېغىر جازاغا لايىق بولمامدۇ؟!


شۇ كۈنى يوشۇۋا شەكەمدە پۈتۈن خەلققە ۋاكالىتەن پەرۋەردىگار بىلەن ئەھدە تۈزۈپ، ئۇلارنىڭ ئەمەل قىلىشى ئۈچۈن قائىدە-تۈزۈملەرنى قايتا بېكىتتى.


ئەھدە ساندۇقى ئىچىدە مۇسا سىناي تېغىدا سېلىپ قويغان ئىككى تاش تاختىدىن باشقا ھېچ نەرسە يوق ئىدى. ئىسرائىللار مىسىردىن چىققاندىن كېيىن، پەرۋەردىگار سىناي تېغىدا ئۇلار بىلەن ئەھدە تۈزگەنىدى.


لېكىن ئۇلارنىڭ ماختاشلىرى ئېغىزدا ئىدى، تىللىرىدا دېگەنلىرى يالغان ئىدى.


كېيىن مەن يەنە سېنىڭ يېنىڭدىن ئۆتتۈم. سەن قىزلارنىڭ ياشلىق باھارىغا تولغانىدىڭ. مەن سېنىڭ يالىڭاچ تېنىڭگە كىيىمىمنى يېپىپ قويدۇم. سەن بىلەن توي قىلىشقا ئەھدە قىلدىم، سەن مېنىڭ بولدۇڭ. بۇ مەن ئىگەڭ پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر.


پەرۋەردىگارىمىز خۇدا بىز بىلەن سىناي تېغىدا ئەھدە تۈزگەنىدى.


ئىبادەتخانىدا ئەھدە ساندۇقى ئۈچۈن بىر يەر ھازىرلىدىم. مانا ئەھدە ساندۇقىدا پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدىسى، يەنى ئۇ ئاتا-بوۋىلىرىمىزنى مىسىردىن ئېلىپ چىققان چاغدا، ئۇلار بىلەن تۈزگەن ئەھدىسى تۇرۇپتۇ.


بۇ ئەھدە، مەن ئۇلارنىڭ ئەجدادلىرىنى قولىدىن يېتىلەپ، مىسىردىن ئېلىپ چىققاندا تۈزگەن بۇرۇنقى ئەھدىگە ئوخشىمايدۇ. مەن بۇرۇن ئۇلارغا ساداقەتمەن ئەر بولغان بولساممۇ، ئۇلار يەنىلا ئەھدىنى بۇزدى.


سىلەرنىڭ ئەجدادلىرىڭلار مىسىردىن چىققاندا، مەن ھەرقاچان ئۇلارغا يار بولۇشقا ۋەدە بەرگەنمەن. ھازىرمۇ مېنىڭ روھىم سىلەرگە ياردۇر، قورقماڭلار!


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite