7 ئاندىن كېيىن ئەھدىنامىنى قولىغا ئېلىپ، خەلققە يۇقىرى ئاۋاز بىلەن ئوقۇپ بەردى. خەلق: _ بىز چوقۇم پەرۋەردىگارغا ئىتائەت قىلىپ، ئۇنىڭ دېگىنى بويىچە ئىش كۆرىمىز، _ دېيىشتى.
رەببىمىزنىڭ نامى بىلەن سىلەرنىڭ بۇ خەتنى شۇ يەردىكى ھەممە قېرىنداشلارغا ئوقۇپ بېرىشىڭلارنى تاپىلايمەن.
بۇ خەت ئاراڭلاردا ئوقۇلۇپ بولغاندىن كېيىن، لائودىكىيادىكى ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكى ئىچىدىمۇ ئوقۇلسۇن. سىلەر يەنە لائودىكىيادىكى ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكىگە يازغان خېتىمنىمۇ ئوقۇڭلار.
تەۋرات ۋە پەيغەمبەرلەرنىڭ تەلىملىرى ئوقۇلغاندىن كېيىن، ئىبادەتخانىنىڭ مەسئۇللىرى ئۇلارنى چاقىرتىپ: - قېرىنداشلار، ئەگەر جامائەتنى رىغبەتلەندۈرىدىغان گەپ-سۆزۈڭلار بولسا، ئېيتىڭلار، - دېدى.
خەلق بىردەك: _ بىز چوقۇم پەرۋەردىگارنىڭ دېگىنى بويىچە ئىش كۆرىمىز، _ دېيىشتى. مۇسا تاغقا چىقىپ، خەلقنىڭ جاۋابىنى پەرۋەردىگارغا يەتكۈزدى.
پۈتۈن خەلق يوشۇۋاغا: _ بىز چوقۇم پەرۋەردىگارىمىز خۇداغا خىزمەت قىلىپ، ئۇنىڭ ئەمرلىرىگە ئىتائەت قىلىمىز، _ دېيىشتى.
ئەھدە ساندۇقى ئىچىدە مۇسا سىناي تېغىدا سېلىپ قويغان ئىككى تاش تاختىدىن باشقا ھېچ نەرسە يوق ئىدى. ئىسرائىللار مىسىردىن چىققاندىن كېيىن، پەرۋەردىگار سىناي تېغىدا ئۇلار بىلەن ئەھدە تۈزگەنىدى.
«ھۇزۇرۇمغا يىغىڭلار ماڭا سادىق خەلقىمنى، قۇربانلىق قىلىپ مەن بىلەن ئەھدە تۈزگەنلەرنى.»
لېكىن ئۇلارنىڭ ماختاشلىرى ئېغىزدا ئىدى، تىللىرىدا دېگەنلىرى يالغان ئىدى.
«مەن پەرۋەردىگار، ئىسرائىللارنى تاللىغان خۇدا سىلەرگە شۇنداق دەيمەنكى، مەن ئەجدادلىرىڭلارنى مىسىردىن ئېلىپ چىقىپ، قۇللۇقتىن قۇتۇلدۇرغاندا، ئۇلار بىلەن بىر ئەھدە تۈزگەنىدىم. مەن ئۇلارغا:
بىز پەرۋەردىگارىمىز خۇدانىڭ ساڭا ئېيتقىنى بويىچە ئىش كۆرىمىز. بىز سىزنى خۇدادىن شۇنى سوراشقا ئەۋەتىمىزكى، ئۇنىڭ ئېيتقانلىرىنى ياخشى كۆرەيلى ياكى كۆرمەيلى، ئىشلىرىمىزنىڭ ئوڭۇشلۇق بولۇشى ئۈچۈن ئۇنىڭ دېگەنلىرىگە بويسۇنىمىز، _ دېدى.
كېيىن مەن يەنە سېنىڭ يېنىڭدىن ئۆتتۈم. سەن قىزلارنىڭ ياشلىق باھارىغا تولغانىدىڭ. مەن سېنىڭ يالىڭاچ تېنىڭگە كىيىمىمنى يېپىپ قويدۇم. سەن بىلەن توي قىلىشقا ئەھدە قىلدىم، سەن مېنىڭ بولدۇڭ. بۇ مەن ئىگەڭ پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر.
ھەممىمىزنىڭ ئاتىسى خۇدا بىر ئەمەسمۇ؟ ھەممىمىزنى خۇدا ياراتقان ئەمەسمۇ؟ شۇنداق تۇرۇقلۇق، بىز نېمە ئۈچۈن بىر-بىرىمىزنى ئالداپ، ئەجدادلىرىمىزنىڭ خۇدا بىلەن تۈزگەن ئەھدىسىنى بۇزىمىز؟
ئۇلار پەرۋەردىگارغا قەسەم بەرگەندە، يۇقىرى ئاۋاز بىلەن ۋارقىرىشىپ، كاناي ۋە بۇرغا چېلىشتى.