15 شۇنىڭ بىلەن مۇسا سىناي تېغىنىڭ چوققىسىغا چىقتى. بۇ ۋاقىتتا تاغنى بۇلۇت قاپلىۋالدى.
پەرۋەردىگار مۇساغا: _ مەن قويۇق بۇلۇت ئىچىدە سېنىڭ يېنىڭغا كېلىمەن. سېنىڭ بىلەن قىلىشقان سۆھبىتىمىزنى خەلق ئاڭلىسۇن. شۇنىڭ بىلەن خەلق ساڭا مەڭگۈ ئىشىنىدۇ، _ دېدى. مۇسا ئىسرائىللارنىڭ جاۋابىنى پەرۋەردىگارغا يەتكۈزگەندىن كېيىن،
پېترۇسنىڭ گېپى تۈگىمەيلا، پارلاق بىر بۇلۇت ئۇلارنى قاپلىۋالدى. بۇلۇتتىن خۇدانىڭ: «بۇ مېنىڭ سۆيۈملۈك ئوغلۇم. مەن ئۇنىڭدىن خۇرسەنمەن. ئۇنىڭ سۆزىگە قۇلاق سېلىڭلار!» دېگەن ئاۋازى ئاڭلاندى.
ئۈچىنچى كۈنى ئەتىگەندە ھاۋا گۈلدۈرلەپ، چاقماق چېقىپ، تاغدا بىر پارچە قويۇق بۇلۇت پەيدا بولدى. بۇرغىنىڭ قاتتىق چېلىنغان ئاۋازى ئاڭلاندى. قارارگاھتىكىلەر بۇنى ئاڭلاپ، قورقۇپ تىترەپ كېتىشتى.
بۇ چاغدا پادىشاھ سۇلايمان: _ ئى پەرۋەردىگار، سەن قويۇق، قارا بۇلۇتلار ئىچىدە تۇرىمەن دېگەنىدىڭ.
پەرۋەردىگارنىڭ پارلاق نۇرى تاغقا چۈشتى. ئالتە كۈنگىچە تاغنى بۇلۇت قاپلاپ تۇردى. يەتتىنىچى كۈنى پەرۋەردىگار بۇلۇت ئارىسىدىن مۇسانى چاقىردى.
پەرۋەردىگار سىناي تېغىنىڭ چوققىسىغا چۈشكەن بولۇپ، مۇسانى تاغقا چىقىشقا چاقىردى. مۇسا تاغقا چىقتى.