Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




مىسىردىن چىقىش 24:13 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

13 مۇسا ۋە ئۇنىڭ ياردەمچىسى يوشۇۋا ئورنىدىن قوزغىلىپ، مۇقەددەس تاغقا چىقتى.

Gade chapit la Kopi




مىسىردىن چىقىش 24:13
10 Referans Kwoze  

پەرۋەردىگار مۇسا بىلەن خۇددى دوستى بىلەن سۆزلەشكەندەك يۈزمۇيۈز سۆزلىشەتتى. مۇسا قارارگاھقا قايتىپ كەلگىنىدە، نۇننىڭ ئوغلى، يەنى ئۇنىڭ ياش ياردەمچىسى يوشۇۋا يەنىلا ئۇچرىشىش چېدىرىدا بولاتتى.


بۇ چاغدا ياش ۋاقتىدىن بۇيان مۇسانىڭ ياردەمچىسى بولۇپ كەلگەن نۇننىڭ ئوغلى يوشۇۋا مۇساغا: _ تەقسىر، ئۇلارنى توسۇۋالغايسىز؟ _ دېدى.


مۇسا مىديان روھانىيسى، يەنى قېيىنئاتىسى يېترونىڭ (يەنە بىر ئىسمى رەئۇل)نىڭ قويىنى باقاتتى. ئۇ بىر كۈنى پادىسىنى ھەيدەپ چۆلنى كېسىپ ئۆتۈپ، خۇدانىڭ تېغى _ سىناي تېغىغا كەلدى.


يوشۇۋا خەلقنىڭ چۇقان-سۈرەنلىرىنى ئاڭلاپ، مۇساغا: _ قارارگاھتىن ئۇرۇشنىڭ چۇقان-سۈرەنلىرى كېلىۋاتقاندەك قىلىدۇ! _ دېدى.


شۇ ۋاقىتلاردا پەرۋەردىگار ھارۇنغا: _ سەن چۆل-باياۋانغا بېرىپ، مۇسانى كۈتۈۋال، _ دېگەنىدى. ھارۇن يول يۈرۈپ خۇدانىڭ تېغىغا يەتكەندە، مۇسا بىلەن كۆرۈشتى ۋە ئۇنى سۆيدى.


يېترو مۇسانىڭ ئايالى ۋە ئىككى ئوغلىنى ئېلىپ، مۇقەددەس تاغنىڭ يېنىغا، يەنى مۇسا قارارگاھ قۇرغان چۆللۈككە كەلدى.


ئەلىشامانىڭ ئوغلى نۇن، نۇننىڭ ئوغلى يوشۇۋا ئىدى.


مۇسا خۇدانىڭ ھۇزۇرىدا بولۇش ئۈچۈن تاغقا چىقتى. پەرۋەردىگار تاغدىن مۇساغا جاراڭلىق ئاۋازدا مۇنداق دېدى: _ ياقۇپنىڭ ئەۋلادلىرى بولغان ئىسرائىللارغا مۇنداق دەپ ئېيتقىن:


پەرۋەردىگارنىڭ خىزمەتكارى مۇسا پەيغەمبەر ۋاپات بولغاندىن كېيىن، پەرۋەردىگار نۇننىڭ ئوغلى، يەنى مۇسا پەيغەمبەرنىڭ ياردەمچىسى يوشۇۋاغا مۇنداق دېدى:


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite