Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




مىسىردىن چىقىش 24:11 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

11 ئىسرائىل ئاقساقاللىرى خۇدانى كۆرسىمۇ، خۇدا ئۇلارغا ھېچقانداق زىيان يەتكۈزمىدى. ئۇلار خۇدانىڭ ھۇزۇرىدا غىزالاندى.

Gade chapit la Kopi




مىسىردىن چىقىش 24:11
24 Referans Kwoze  

شۇنىڭ بىلەن مۇسانىڭ قېيىنئاتىسى يېترو خۇداغا كۆيدۈرمە قۇربانلىق ۋە باشقا قۇربانلىقلارنى ئاتىدى. ھارۇن ۋە ئىسرائىللارنىڭ ئاقساقاللىرى ئۇنىڭ بىلەن بىرگە خۇدانىڭ ھۇزۇرىدا تائاملارنى يېدى.


پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا: _ سەن تاغدىن چۈشۈپ، خەلقنى ئاگاھلاندۇر. چېگرادىن ھالقىپ، مېنى كۆرگىلى كەلمىسۇن. بولمىسا، ئۇلار ھالاك بولىدۇ.


ئاندىن ئۇ تاغدا مال بوغۇزلاپ، قۇربانلىق قىلدى ھەمدە قېرىنداشلىرىنى تەكلىپ قىلىپ، ئۇلار بىلەن ھەمداستىخان بولدى. تاماقتىن كېيىن ئۇلار شۇ يەردە قوندى.


ھەجەر ئۆز-ئۆزىگە: «مەن راستتىنلا ماڭا غەمخورلۇق قىلغان خۇدانى كۆردۈم!» دېدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئۆزىگە سۆز قىلغان پەرۋەردىگارنى «ئېل-روئا» [مەنىسى «مېنى كۆرگۈچى خۇدا»] دەپ ئاتىدى.


بايلار خىزمەتكارلىرىنى سۇغا ئەۋەتىدۇ. ئۇلار قۇدۇقلارغا بارىدۇ، ئەمما سۇ تاپالماي، ئىدىشلىرى قۇرۇق ھالدا قايتىپ كېلىدۇ. ئۇلار ئۈمىدسىزلىنىپ، ئازابلىنىپ، باشلىرىنى چاڭگاللىشدۇ.


بېرىڭلار، خۇشال-خۇرام تامىقىڭلارنى يەپ، شادلىق بىلەن شارابىڭلارنى ئىچىڭلار! چۈنكى بۇلار خۇدانىڭ سىلەرگە بەرگەن ئىنئامىدۇر.


مېنىڭ نەگە بېرىپ، نېمە قىلغانلىقىمنى ئەمەلدارلار بىلمىدى. مەن پىلانىمنى ھېچقانداق يەھۇدىي قېرىنداشلىرىمغا، مەيلى ئۇلار روھانىيلار، جامائەت ئەربابلىرى، ئەمەلدارلار ياكى سېپىل قۇرۇلۇشىغا ئالاقىدار باشقا كىشىلەر بولسۇن، تېخى تىنمىغانىدىم.


ئۇنىڭدىن كېيىن ئۇ يۈزبېشىلار، ئېسىلزادىلەر، يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلار ۋە شۇ يەردىكى پۈتۈن خەلقنى باشلاپ، پادىشاھنى پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىدىن ئېلىپ چىقىپ، يۇقىرى دەرۋازا ئارقىلىق ئوردىغا كىردى. ئاندىن يوئاشنى پادىشاھلىق تەختىگە ئولتۇرغۇزدى.


شۇنداق قىلىپ، ئىزەبەل ئاخابنىڭ نامىدا مەكتۇپ يېزىپ، ئاخابنىڭ مۆھرىنى بېسىپ، ئۇنى نابوت بىلەن بىر شەھەردە ياشايدىغان ئاقساقاللار ۋە ئېسىلزادىلەرگە ئەۋەتتى.


ئايالىغا: _ بىز ئۆلىدىغان بولدۇق، چۈنكى بىز خۇدانى كۆردۇق، _ دېدى.


يېنىمغا كېلىپ پەرۋەردىگارنىڭ قالغان خەلقى، چىقتى يېتەكچىلەر زور قوشۇنغا قارشى جەڭ قىلغىلى.


سىلەر ئائىلەڭلار بىلەن بىرگە ئىبادەت قىلىدىغان يەرگە بېرىپ، پەرۋەردىگارىڭلار خۇدانىڭ ھۇزۇرىدا يەڭلار، قىلغان بارلىق ئىشىڭلاردىن شادلىنىڭلار. چۈنكى پەرۋەردىگار سىلەرگە بەخت ئاتا قىلغاندۇر.


ئوت ئىچىدىن سۆزلەۋاتقان خۇدانىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ تۇرۇپ، يەنە ھايات قالغان سىلەرگە ئوخشاش باشقا بىر خەلق بارمۇ؟


ئەل باشچىلىرى، ئەل سەركىلىرى كولاپ سېنى، سەلتەنەت ھاسىلىرىدا قازغانىدى.» ئاندىن ئۇلار چۆلدىن چىقىپ، ماتتاناغا باردى.


پەرۋەردىگار مۇساغا: _ سەن ھارۇن، ناداب، ئابىھۇلارنى ۋە ئىسرائىل ئاقساقاللىرىدىن يەتمىش كىشىنى ئېلىپ، بۇ تاغقا چىقىپ، يىراقتا تۇرۇپ بىرلىكتە ماڭا سەجدە قىلىڭلار.


چۈنكى ئۇنىڭ ئەۋلادلىرىنى چوقۇم ئۇلۇغ ۋە كۈچ-قۇدرەتلىك بىر خەلق قىلىمەن. مەن ئۇ ئارقىلىق دۇنيادىكى باشقا ھەممە خەلقلەرگە بەخت ئاتا قىلىمەن.


مەن ئۇنىڭغا يۈزتۇرانە سۆزلەيمەن، يوشۇرۇن مەنىلەر بىلەن ئەمەس، بەلكى ئېنىق قىلىپ سۆزلەيمەن. ئۇ سىياقىمنى كۆرىدۇ. ۋاھالەنكى سىلەر قانداق قىلىپ ئۇنىڭغا قارشى سۆزلەشكە پېتىندىڭلار؟


پېقىر ھەزرىتىم بىلەن قانداقمۇ سۆزلىشەلەيمەن؟ ماغدۇرسىزلىنىپ، نەپىسىم ئۈزۈلدى، _ دېدىم.


باردۇرسەن ئەتراپىمدا، قويدۇڭ قولۇڭنى دولامغا.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite