Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




مىسىردىن چىقىش 23:7 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

7 تۆھمەت قىلىپ ئەرز قىلماڭلار. بىگۇناھ، دۇرۇس ئادەمنى ئۆلۈمگە ئىتتىرمەڭلار. چۈنكى مەن بۇنداق رەزىل ئىش قىلغۇچىلارنى چوقۇم جازالىماي قويمايمەن.

Gade chapit la Kopi




مىسىردىن چىقىش 23:7
24 Referans Kwoze  

شۇنىڭ ئۈچۈن، يالغانچىلىقنى تاشلاپ، بىر-بىرىڭلارغا راست گەپ قىلىڭلار. چۈنكى، ھەممىمىز بىر تەننىڭ ئەزالىرىمىز.


«پارا ئېلىپ بىگۇناھ ئادەمنى ئۆلتۈرگەنلەر قارغىشقا قالىدۇ!» پۈتۈن خەلق: «ئامىن!» دېسۇن.


مېھىر-مۇھەببىتىم مىڭلىغان ئەۋلادقىچە داۋاملىشىدۇ، ئۇلارنىڭ گۇناھلىرىنى، ئاسىيلىقلىرىنى ۋە سەۋەنلىكلىرىنى كەچۈرىمەن. لېكىن گۇناھىغا توۋا قىلمىغان گۇناھكارلارنى جازالىماي قويمايمەن، ئۇلارنىڭ ئەۋلادلىرىنى تاكى ئۈچىنچى، تۆتىنچى ئەۋلادىغىچە جازالايمەن.


ئىغۋا تارقاتماڭلار. يالغان گۇۋاھلىق بېرىپ، گۇناھكارغا يان باسماڭلار.


ھەر خىل يامانلىقلاردىن يىراق تۇرۇڭلار.


ئوغرىلىق، يالغانچىلىق ۋە ئالدامچىلىق قىلماڭلار.


خۇدا ئەرشتىن ئادەملەرنىڭ بارلىق گۇناھكارلىق ۋە يامانلىقلىرىغا قارشى ئۆز غەزىپىنى بىلدۈردى. سەۋەبى، ئۇلار ئادالەتسىز ئىشلىرى ئارقىلىق خۇدانىڭ ھەقىقىتىنى بىلىشنى توسۇۋاتىدۇ.


بەزى لەشكەرلەرمۇ ئۇنىڭدىن: - بىزچۇ؟ قانداق قىلىشىمىز كېرەك؟ - دەپ سوراشتى. يەھيا پەيغەمبەر ئۇلارغا: - باشقىلارنىڭ پۇلىنى زورلۇق ياكى تۆھمەتلەر بىلەن ئېلىۋالماڭلار. ئىش ھەققىڭلارغا رازى بولۇڭلار، - دېدى.


پەرۋەردىگارنىڭ كۈچ-قۇدرىتى زوردۇر، ئۇ ئاسانلىقچە غەزەپلەنمەيدۇ، لېكىن ئۇ گۇناھكارلارنى جازالىماي قويمايدۇ. ئۇ بوران ۋە قۇيۇن ئىچىدە يۈرەر، بۇلۇتلار ئۇنىڭ ئاياغلىرىدىن كۆتۈرۈلگەن چاڭ-توزانلاردۇر.


توغرا ئىشلارنى قىلغانلار ۋە ھەققانىي سۆزلەيدىغانلار ياشايدۇ. مەككارلىق بىلەن باي بولۇشتىن باش تارتقانلار ۋە پارا ئېلىشنى رەت قىلغانلار، سۇيىقەستلەرگە قاتناشمىغانلار، رەزىل ئىشلارنى خىيالىغا كەلتۈرمەيدىغانلار،


ياماننى ئاقلىغانلىق بىلەن ھەققانىينى قارىلىغانلىق، ھەر ئىككىسى پەرۋەردىگارغا يىرگىنچلىك.


ئەگەر سەن ھەممىگە قادىر خۇدانىڭ يولىغا قايتىپ كەلسەڭ، ئەسلىڭگە كېلىسەن. گۇناھلىرىڭنى چېدىرىڭدىن يىراقلاشتۇرساڭ،


قاتىللىق قىلماڭلار.


ئىبراھىم پەرۋەردىگارغا يېقىنلىشىپ: _ سەن راستتىنلا ھەققانىيلارنى گۇناھكارلار بىلەن بىرلىكتە ھالاك قىلامسەن؟


يالغان گۇۋاھلىق بەرمەڭلار.


باشقىلارغا تۆھمەت قىلماڭلار. باشقىلار ھەققىدە يالغان گۇۋاھلىق بېرىپ ھاياتىغا زامىن بولماڭلار. مەن پەرۋەردىگاردۇرمەن.


_ ئەگەر تالاش-تارتىش يۈز بېرىپ، ھەر ئىككىلا تەرەپ سوتقا ئەرز قىلسا، سوتچى ھەق-ناھەقنى ئايرىپ، بىگۇناھ ئادەمنى ئاقلىسۇن، گۇناھكارنى جازالىسۇن.


ئۇلار بىرلىشەر ھەققانىيلارنى ئۆلتۈرۈشكە، ھۆكۈم قىلار بىگۇناھلارنى ئۆلۈمگە.


ھىيلە-مىكىر يولىدىن نېرى قىل مېنى، ئىلتىپات ئەيلەپ ئۆگەت ماڭا تەلىملىرىڭنى.


سۆزسىزكى، يامانلار چوقۇم جازالىنار، ھەققانىيلارنىڭ ئەۋلادى قۇتقۇزۇلار.


ئاقنى قارا، قارىنى ئاق، يورۇقلۇقنى زۇلمەت، زۇلمەتنى يورۇقلۇق، تاتلىقنى ئاچچىق، ئاچچىقنى تاتلىق دەيدىغانلارنىڭ ھالىغا ۋاي!


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite