Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




مىسىردىن چىقىش 23:6 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

6 دەۋادا كەمبەغەللەرگە ئۇۋال قىلماڭلار.

Gade chapit la Kopi




مىسىردىن چىقىش 23:6
23 Referans Kwoze  

شۇ چاغدا مەن سىلەرنى سوراققا تارتىمەن، مەندىن قورقمايدىغان بارلىق باخشىلار، زىناخورلار، ساختا گۇۋاھچىلار، مەدىكارلارنىڭ ئىش ھەققىگە قارا سانايدىغانلار، تۇل خوتۇن، يېتىم-يېسىرلارنى خورلايدىغانلار ۋە يات ئەللەردىن بولغان مۇساپىرلارنى بوزەك قىلىدىغانلاردىن ھېساب ئالىمەن».


ئۇلار بوردىلىپ، سەمرىپ كەتكەن، ئۇلار قىلغان رەزىل ئىشلارنىڭ چېكى يوق. ئۇلار ئادىللىقنى ئىزدىمەيدۇ، ئاتىسىز يېتىملەرنىڭ ئەرزىنى ئاڭلىمايدۇ. ئۇلار كەمبەغەللەرنىڭ ھوقۇقىنى قوغدىمايدۇ.


ئەگەر سەن بىر جايدا نامراتلارنىڭ بوزەك قىلىنىۋاتقانلىقىنى، ھەقىقەت ۋە ئادالەتنىڭ ئۇلاردىن تارتىۋېلىنغانلىقىنى كۆرسەڭ، ھەيران قالما، چۈنكى ھەربىر ئەمەلدار ئۈستىدە ئۇنى قوغدايدىغان ئۇنىڭدىن چوڭ ئەمەلدار، بۇ ئەمەلدارنىڭ ئۈستىدە يەنە ئۇلاردىنمۇ چوڭ قوغدىغۇچى ئەمەلدار بولىدۇ.


«يات خەلقلەرگە، يېتىملەرگە، تۇل ئاياللارغا ئادالەتسىز مۇئامىلە قىلغانلار قارغىشقا قالىدۇ!» پۈتۈن خەلق: «ئامىن!» دېسۇن.


يۈز ئاياپ قانۇننى بۇزمىسۇن، يان باسمىسۇن، پارا ئالمىسۇن. چۈنكى پارا دانالارنىڭ ئەقىل كۆزىنى خىرەلەشتۈرۈپ، ھەق-ناھەقنى ئاستىن-ئۈستۈن قىلىۋېتىدۇ.


ھەقىقەتنى بۇرمىلىماڭلار، ھەم نامراتلارغا يان باسماڭلار ھەم ھوقۇقدارلارغا خۇشامەت قىلماڭلار، ھۆكۈمدە ئادىل بولۇڭلار.


زېمىنىڭلاردا ياشاۋاتقان يات خەلقلەرنى، يېتىم بالىلارنى، تۇل ئاياللارنى بوزەك قىلمىساڭلار، بىگۇناھ ئادەملەرنى ئۆلتۈرۈشتىن قول ئۈزسەڭلار، بۇت ئىلاھلارغا چوقۇنۇپ، ئۆزۈڭلارغا زىيان يەتكۈزمىسەڭلار،


ئۇلارنىڭ ھەممىسى جاھىل، ئاسىيلاردۇر! ئۇلارنىڭ يۈرىكى تۇچ ياكى تۆمۈرگە ئوخشاش قاتتىق. ئۇلار باشقىلارغا تۆھمەت قىلىدۇ. ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرى چىرىكلەشكەن.


چاكارلىرىم ئۈستۈمدىن ئەرز قىلسىمۇ، ئادىل مۇئامىلە قىلىمەن.


شۇڭا سىلەر پەرۋەردىگاردىن ئەيمىنىپ، ئېھتىياتچانلىق بىلەن ئىش بېجىرىڭلار. چۈنكى بىزنىڭ پەرۋەردىگارىمىز خۇدا ناھەقچىلىق، تەرەپبازلىق ۋە پارىخورلۇق قىلىشقا يول قويمايدۇ.


ئۇلار ئاتىسىنىڭ يولىنى تۇتماي، مال-دۇنيا قوغلىشىپ، پارا ئېلىپ، ئەرز-دەۋالار ئۈستىدىن ناھەق ھۆكۈم چىقىراتتى.


يامانغا يان بېسىپ ھۆكۈمدە، ھەققانىينى ناھەقچىلىققا ئۇچرىتىش ناتوغرا ئەلۋەتتە.


يوقسۇل بولغانلىقى ئۈچۈن ئۇنى ئېزىپ نەپ ئالما، سوتتا يۆلەنچۈكى يوقنى بوزەك قىلما.


چۈنكى ئۇلار شاراب ئىچىپ، ئۇنتۇپ قالار قانۇننى، بۇرمىلىۋېتەر ئېزىلگەنلەرنىڭ ھوقۇقىنى.


ئۇلار پارا ئېلىپ گۇناھكارنى قويۇپ بېرىدۇ، بىگۇناھقا ئادالەتسىزلىك قىلىدۇ.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite