Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




مىسىردىن چىقىش 23:31 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

31 سىلەرنىڭ زېمىنىڭلارنىڭ چېگراسىنى قىزىل دېڭىزدىن ئوتتۇرا دېڭىزغىچە، قۇملۇق رايونىدىن فىرات دەرياسىغىچە كېڭەيتىمەن. مەن سىلەرگە يەرلىك خەلقنى بويسۇندۇرۇش قۇدرىتىنى بېرىمەن. سىلەر ئۇ يەرگە كىرگەن ۋا قتىڭلاردا، ئۇلارنى قوغلىۋېتەلەيسىلەر.

Gade chapit la Kopi




مىسىردىن چىقىش 23:31
37 Referans Kwoze  

دەل شۇ چاغدا پەرۋەردىگار ئىبرامغا ئەھدە قىلىپ، مۇنداق دېدى: _ مەن مىسىر چېگراسىدىن تاكى ئۇلۇغ فىرات دەرياسىغىچە سوزۇلغان بۇ زېمىننىڭ ھەممىسىنى سېنىڭ ئەۋلادلىرىڭغا ئاتا قىلىمەن.


سىلەرنىڭ ئايىغىڭلار تەگكەنلا يەر سىلەرگە تەۋە بولىدۇ. چۆللۈكتىن لىۋانغىچە، فىرات دەرياسىدىن ئوتتۇرا دېڭىزغىچە بولغان ھەممە يەرلەر سىلەرنىڭ زېمىنىڭلار بولىدۇ.


پەرۋەردىگار ئۇلارنىڭ ئەجدادلىرىغا ۋەدە قىلغىنى بويىچە پۈتۈن زېمىنغا ئامانلىق بەردى. ھېچقانداق بىر دۈشمەن ئۇلارغا قارشى تۇرالمىدى، چۈنكى پەرۋەردىگار ئۇلارنىڭ بارلىق دۈشمەنلىرىنى ئۇلارنىڭ قولىغا چۈشۈرۈپ بەرگەنىدى.


سىلەرنىڭ زېمىنىڭلار جەنۇبىي تەرەپتىكى چۆلدىن باشلىنىپ شىمال تەرەپتىكى لىۋان تاغلىرىغىچە، كۈنچىقىش تەرەپتىكى ئۇلۇغ فىرات دەرياسىدىن باشلىنىپ پۈتكۈل خىتلارنىڭ زېمىنىنى كېسىپ ئۆتۈپ، كۈنپېتىش تەرەپتىكى ئوتتۇرا دېڭىزغىچە كېڭىيىدۇ.


پەرۋەردىگار بىزنىڭ كۆز ئالدىمىزدا بۇ يەردە ياشايدىغان بارلىق ئامورلارنى ۋە باشقا يات خەلقلەرنى قوغلاپ چىقاردى. شۇڭا بىز پەرۋەردىگارغا خىزمەت قىلىمىز. ئۇ بىزنىڭ خۇدايىمىزدۇر! _ دېيىشتى.


ئۇ ھۆكۈمرانلىق قىلغاي دېڭىزدىن ئوكيانغىچە، فىرات دەرياسىدىن زېمىننىڭ چېتىگىچە.


پادىشاھ سۇلايمان تىفساختىن گازاغىچە، يەنى فىرات دەرياسىنىڭ غەربىي تەرىپىدىكى بارلىق پادىشاھلىقلارغا ھۆكۈمرانلىق قىلاتتى، شۇڭا ئۇنىڭ تۆت ئەتراپى تىنچ ئىدى.


ئىسرائىللار ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن پەرۋەردىگار خۇدا پادىشاھ سىخون بىلەن ئۇنىڭ ئادەملىرىنى ئىسرائىللارنىڭ قولىغا چۈشۈرۈپ بەردى. شۇنىڭ بىلەن ئىسرائىللار ئۇلارنى مەغلۇپ قىلىپ، شۇ يەردە ياشاپ كەلگەن ئامورلارنىڭ بارلىق زېمىنىغا ئىگە بولدى.


بۇ چاغدا بىر پەيغەمبەر ئىسرائىلىيە پادىشاھى ئاخابنىڭ ئالدىغا كېلىپ، ئۇنىڭغا: _ پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «بۇ زور قوشۇننى كۆردۈڭمۇ؟ مانا بۈگۈن مەن ئۇلارنى سېنىڭ قولۇڭغا تاپشۇرۇپ بېرىمەن. شۇ چاغدا سەن مېنىڭ پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىمنى بىلىپ يېتىسەن»، _ دېدى.


پادىشاھ سۇلايمان فىرات دەرياسىدىن فىلىستىيەگىچە، فىلىستىيەدىن مىسىرغىچە بولغان ئارىلىقتىكى پۈتۈن پادىشاھلارغا ھۆكۈمرانلىق قىلاتتى. ئۇلار سۇلايمان ھايات چېغىدا ئۇنىڭغا ئالۋان-سېلىق تاپشۇرۇپ، ئۇنىڭ خىزمىتىدە بولاتتى.


داۋۇت يەنە پەرۋەردىگارنىڭ ئىرادىسىنى سورىدى. پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا: _ سەن قىيلاھقا بارغىن، فىلىستىيەلىكلەرنى سېنىڭ قولۇڭغا تاپشۇرىمەن، _ دەپ جاۋاب بەردى.


مەن سىلەرنىڭ كۆز ئالدىڭلاردا ئۇلارنى پاراكەندىچىلىككە سېلىپ، ئامورلارنىڭ ئىككى پادىشاھىنى زېمىنلىرىدىن قوغلاپ چىقاردىم. بۇ ھەرگىزمۇ سىلەرنىڭ ئۇلارغا ئوقيا ئېتىپ، قىلىچ چېپىشىڭلار بىلەن قولغا كەلگەن ئىش ئەمەس.


كېيىن مەن سىلەرنى ئىئوردان دەرياسىنىڭ شەرقىي قىرغىقىدىكى ئامورلارنىڭ زېمىنىغا ئېلىپ باردىم. ئامورلار سىلەرگە قارشى جەڭ قىلغانىدى، لېكىن مەن ئۇلارنى سىلەرنىڭ قولۇڭلارغا چۈشۈرۈپ، ئۇلارنىڭ ئۈستىدىن غەلىبە قىلدۇردۇم. مەن سىلەرنىڭ كۆز ئالدىڭلاردا ئۇلارنى يوقاتتىم.


مېنىڭمۇ ئۆمرۈم ئاخىرلىشىپ قالدى. شۈبھىسىزكى، پەرۋەردىگارىڭلار خۇدانىڭ سىلەرگە بەرگەن ۋەدىسىنىڭ بىرىنىمۇ قالدۇرماي ھەممىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرغانلىقى سىلەرنىڭمۇ كۆڭلۈڭلارغا ئاياندۇر.


قالغانلىرىڭلار قاچقان دۈشمەننىڭ ئارقىسىدىن داۋاملىق قوغلاپ، ھۇجۇم قىلىڭلار. ئۇلارنىڭ ئۆز شەھەرلىرىگە كىرىۋېلىشىغا يول قويماڭلار. پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا ئۇلارنى قولۇڭلارغا تاپشۇرۇپ بېرىدۇ _ دەپ بۇيرۇق قىلدى.


بۇ چاغدا پەرۋەردىگار يوشۇۋاغا: _ ئۇلاردىن قورقما، چۈنكى مەن ئۇلارنى سېنىڭ قولۇڭغا تاپشۇرغانمەن. ئۇلاردىن ھېچكىم ساڭا قارشى تۇرالمايدۇ، _ دېدى.


بۇ چاغدا پەرۋەردىگار يوشۇۋاغا: _ سەن قولۇڭدىكى نەيزىنى ئاي شەھىرىگە تەڭلىگىن، مەن شەھەرنى سىلەرگە بەردىم، _ دېدى. يوشۇۋا پەرۋەردىگارنىڭ دېگىنىنى بەجا كەلتۈردى.


سىلەر بۇ چاغدا يوشۇرۇنغان جايىڭلاردىن چىقىپ، شەھەرنى ئىگىلەڭلار. پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا بۇ شەھەرنى قولۇڭلارغا تاپشۇرىدۇ.


پەرۋەردىگار ماڭا: «ئۇنىڭدىن قورقمىغىن، چۈنكى مەن ئۇنى ۋە ئۇنىڭ بارلىق لەشكەرلىرىنى، ھەمدە ئۇنىڭ زېمىنلىرىنى سېنىڭ قولۇڭغا تاپشۇردۇم. خەشبوندا ھۆكۈمرانلىق قىلغان ئامورلارنىڭ پادىشاھى سىخونغا قانداق قىلغان بولساڭ، ئۇنىڭغىمۇ شۇنداق قىلغىن.» دېدى.


پەرۋەردىگار مۇساغا مۇنداق دېدى: _ ئۇنىڭدىن قورقمىغىن، چۈنكى مەن ئۇنى ۋە ئۇنىڭ بارلىق لەشكەرلىرىنى، ھەمدە ئۇنىڭ زېمىنلىرىنى سېنىڭ قولۇڭغا تاپشۇردۇم. خەشبوندا ھۆكۈمرانلىق قىلغان ئامورلارنىڭ پادىشاھى سىخونغا قانداق قىلغان بولساڭ، ئۇنىڭغىمۇ شۇنداق قىلغىن.


ئەمدى ئامور خەلقىنىڭ تاغلىق رايونلىرىغا ۋە ئۇلارنىڭ ئىئوردان دەرياسىنىڭ ئەتراپىدىكى قوشنا رايونلىرىغا، تاغلىق رايونلار ۋە غەربىي ئېدىرلىقلارغا، نەگېب چۆللۈكى ۋە ئوتتۇرا دېڭىز بويلىرىدىكى تۈزلەڭلىككە بېرىڭلار. كەنئان زېمىنىغا ۋە لىۋانغا قاراپ يولغا چىقىڭلار، تاكى فىرات دەرياسىغىچە بېرىڭلار.


ئۇ زېمىنلارنى سىلەرگە ئاتا قىلدىم، بېرىپ ئىگىلەڭلار. ئۇ يەرلەرنى مەن پەرۋەردىگار ئەجدادلىرىڭلار ئىبراھىم، ئىسھاق، ياقۇپ ۋە ئۇلارنىڭ ئەۋلادلىرىغا ئاتا قىلىمەن دەپ، ۋەدە قىلغانىدىم.»


لېكىن پەرۋەردىگارىمىز خۇدا ئۇلارنى بىزگە تاپشۇرۇپ بەردى. بىز ئۇنى ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرىنى ئۆلتۈرۈپ، پۈتۈن لەشكەرلىرىنى قىردۇق.


ئارنون جىلغىسىنىڭ چېتىگە جايلاشقان ئاروئېر شەھىرى ۋە جىلغىنىڭ ئىچىدىكى شەھەردىن تارتىپ تاكى گىلئادقىچە بولغان ئارىلىقتىكى بارلىق شەھەرلەرمۇ بىزگە تاقابىل تۇرالمىدى. پەرۋەردىگارىمىز خۇدا ئۇ يەرلەرنىڭ ھەممىسىنى بىزنىڭ قولىمىزغا تاپشۇردى.


لېكىن بۈگۈن بىلىشىڭلار كېرەككى، پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا ئالدىڭلاردا خۇددى دەھشەتلىك كۆيۈۋاتقان ئوتتەك مېڭىپ، ئۇلارنى بويسۇندۇرىدۇ ۋە ھالاك قىلىدۇ. سىلەر ئۇلارنى زېمىنىدىن قوغلاپ چىقىرىپ، تېزلا يوقىتىسىلەر. بۇ ئىشلار خۇددى پەرۋەردىگارنىڭ سىلەرگە ئېيتقىنىدەك بولىدۇ.


لېكىن پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا يېقىندىكى ئەللەرنىڭ شەھەرلىرىنى سىلەرنىڭ ئىگىدارچىلىق قىلىشىڭلارغا بەرگەندۇر. سىلەر بۇ شەھەرلەردە بىرەر جاننىمۇ تىرىك قالدۇرماڭلار.


سىلەر ئىئوردان دەرياسىدىن ئۆتۈپ ئېرىخا شەھىرىگە كەلگىنىڭلاردا، ئېرىخالىقلار سىلەرگە قارشى جەڭ قىلدى. ئامورلار، پەرىززىلەر، كەنئانلىقلار، خىتلار، گىرگاشلار، خىۋلار ھەم يىبۇسلارمۇ سىلەرگە قارشى جەڭ قىلدى. لېكىن مەن ئۇلارنى سىلەرنىڭ قولۇڭلارغا چۈشۈرۈپ بەردىم.


شۇ كۈندىن باشلاپ پادىشاھ سۇلايمان شىمالدىكى لىبو-خامات شەھىرىدىن جەنۇبتىكى مىسىر چېگراسىغا جايلاشقان دەرياغىچە بولغان ئارىلىقتىن كېلىپ توپلانغان پۈتكۈل ئىسرائىللار بىلەن بىرلىكتە پەرۋەردىگارىمىز خۇدانىڭ ئالدىدا زور جامائەت بولۇپ توپلىنىپ، ئىككى كەررە يەتتە كۈن، يەنى ئون تۆت كۈن كەپە تىكىش ھېيتى ئۆتكۈزدى.


پەرۋەردىگار ئىسرائىللارنى بۇ يات ئەللەرنىڭ ئادەملىرى توغرۇلۇق ئاگاھلاندۇرۇپ: «سىلەر ئۇ ئەللەرنىڭ ئادەملىرىگە قىز بەرمەڭلار ھەمدە ئۇلاردىن قىز ئالماڭلار، بولمىسا ئۇلار جەزمەن قەلبىڭلارنى مايىل قىلىپ، ئۆزلىرىنىڭ ئىلاھلىرىغا ئىشەندۈرۈپ كېتىدۇ» دېگەن بولسىمۇ، لېكىن سۇلايمان دەل ئەنە شۇ يات ئەللەرنىڭ قىزلىرىغا ئاشىق بولدى.


_ ئىسرائىللارغا بۇ ئەمرنى يەتكۈزگىن: «سىلەر مەن سىلەرگە مۈلۈك قىلىپ بەرگەن كەنئان زېمىنىغا كىرگەندىن كېيىن، زېمىنىڭلارنىڭ چېگرالىرى مۇنداق بولىدۇ:


خۇددى پەرۋەردىگار ئېيتقاندەك، پەرۋەردىگارىڭلار ئۇ يەردىن دۈشمىنىڭلارنى قوغلاپ چىقىرىدۇ.


ئۇلار: _ پەرۋەردىگار ھەقىقەتەن پۈتكۈل زېمىننى بىزگە ئاتا قىلىپتۇ. ئۇ يەردىكى ئادەملەر قورققىنىدىن يۈرەكلىرى سۇ بولۇپ كېتىپتۇ! _ دېدى.


ئىسرائىللار خىۋلارغا جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى: _ سىلەر بەلكىم مۇشۇ يەردە ياشايدىغان پۇقرالار بولۇشۇڭلار مۇمكىن. ئەگەر شۇنداق بولۇپ قالسا، بىز سىلەر بىلەن قانداقمۇ تىنچلىق ئەھدىنامىسى تۈزەلەيمىز.


ۋە يەنە لىۋان تاغلىرىدىن مىسرېفوت-مايىمغىچە بولغان زېمىننى، يەنى سىدونلۇقلارنىڭ پۈتكۈل زېمىنلىرىنى ئىگىلىشىڭلار كېرەك. مەن بۇ زېمىنلاردىكى خەلقلەرنى ئىسرائىل خەلقىنىڭ كۆز ئالدىدا قوغلاپ چىقىرىمەن. سەن پەقەت مېنىڭ بۇيرۇقۇم بويىچە بۇ زېمىنلارنى ئىسرائىل خەلقىگە مۈلۈك قىلىپ تەقسىملەپ بەرگىن.


سۇلايمان فىرات دەرياسىدىن تارتىپ فىلىستىيەلىكلەر زېمىنىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان مىسىر چېگراسىغىچە بولغان پۈتۈن پادىشاھلىقلارغا ھۆكۈمرانلىق قىلاتتى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite