29 لېكىن يەرلەرنىڭ تېرىلماي ئاق قىلىپ، يىرتقۇچ ھايۋانلارنىڭ ماكانى بولۇپ قالماسلىقى ئۈچۈن، ئۇلارنى بىر يىل ئىچىدە پۈتۈنلەي قوغلىۋەتمەيمەن.
ئۇ سىلەرنىڭ كۆز ئالدىڭلاردا ئۇ خەلقلەرنى ئاستا-ئاستا قوغلاپ چىقىرىدۇ. ئۇلارنى دەرھال يوقىتىشىڭلارغا يول قويمايدۇ، بولمىسا ئەتراپىڭلاردا يىرتقۇچ ھايۋانلار كۆپىيىپ كېتىدۇ.
ئەفرايىم قەبىلىسى كەنئانلارنى گەزەر شەھىرىدىن قوغلاپ چىقارمىدى. شۇڭا كەنئانلار داۋاملىق ئەفرايىملار بىلەن بىرگە ياشاپ، ئۇلارغا قۇلدەك ئىشلەشكە مەجبۇر بولماقتا.
لېكىن يەھۇدا قەبىلىسىدىكىلەر يېرۇسالېمدىكى يىبۇسلارنى قوغلاپ چىقىرىشقا ئامالسىز قالغاچقا، يىبۇسلار داۋاملىق يەھۇدا قەبىلىسىدىكىلەر بىلەن بىرگە ياشاپ كەلمەكتە.
نوپۇسۇڭلار كۆپىيىپ، ئۇ زېمىننى ئىگىلىشىڭلارغا ئەگىشىپ، ئۇلارنى ئاستا-ئاستا قوغلاپ چىقىرىمەن.
مەن يات خەلقلەرنى سىلەرنىڭ كۆز ئالدىڭلاردا زېمىنلىرىدىن قوغلاپ چىقىرىپ، زېمىنىڭلارنى كېڭەيتىمەن. سىلەر يىلدا ئۈچ قېتىم ماڭا ئىبادەت قىلىش ئۈچۈن يىغىلغان ۋاقتىڭلاردا، ھېچكىم سىلەرنىڭ يۇرتۇڭلارغا يامان كۆز تىكەلمەيدۇ.