27 سىلەر قەيەرگە بارساڭلار، مەن شۇ يەردىكىلەرنى سىلەردىن چۆچۈيدىغان، سىلەرنى كۆرسىلا ئالدى-كەينىگە قارىماي قاچىدىغان قىلىمەن.
بۈگۈندىن باشلاپ، يەر يۈزىدىكى پۈتۈن ئىنساننى سەندىن قورقىدىغان قىلىمەن. ئۇلار سېنىڭ ئىسمىڭنى ئاڭلىسا، قورقۇپ، تىترىشىپ كېتىدۇ.»
ياقۇپ ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرى يولغا چىققان ۋاقتىدا، خۇدا ئەتراپتىكى شەھەرلەرنىڭ خەلقلىرىگە قورقۇنچ سېلىپ، ئۇلارنى ئۇلارنىڭ كەينىدىن قوغلاشقا جۈرئەت قىلالمايدىغان قىلىپ قويدى.
پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا ئۇلارنى سىلەرگە تاپشۇرىدۇ، تاكى ئۇلار يوقالغۇچە ئۇلارنى ئالاقزادىلىككە سالىدۇ.
ھېچكىم سىلەرگە تاقابىل تۇرالمايدۇ. پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا دېگىنىنى قىلىدۇ، سىلەر ئاياغ باسقان يەردىكىلەرنىڭ ھەممىسى سىلەردىن قورقۇپ، ۋەھىمىگە چۈشىدۇ.
چېكىنىشكە مەجبۇر قىلدىڭ رەقىبلىرىمنى، يوقاتتىم ماڭا ئۆچ بولغانلارنى.
گىرار ئەتراپىدىكى شەھەرلەردىكى خەلقلەر پەرۋەردىگاردىن قاتتىق ۋەھىمىگە چۈشكەنىدى. شۇڭا يەھۇدىيەلىكلەر ئۇ يەرلەرنىمۇ ئاسانلا ھۇجۇم بىلەن ئالدى. شەھەرلەردە ناھايىتى كۆپ بايلىق بولۇپ، ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئولجا ئېلىندى.
چۈنكى ئىگىمىز ئارراملارنىڭ قوشۇنىغا جەڭ ھارۋىلىرىنىڭ، ئاتلارنىڭ، يەنى زور بىر قوشۇننىڭ شاۋقۇن-سۈرەنلىك ئاۋازىنى ئاڭلاتقانلىقى ئۈچۈن، ئۇلار بىر-بىرىگە: «ئاڭلىدىڭلارمۇ، ئىسرائىلىيە پادىشاھى خىت ۋە مىسىرنىڭ پادىشاھلىرىغا پۇل بېرىپ، ئۇلارنىڭ قوشۇنلىرىنى بىزگە ھۇجۇم قىلىشقا ياللاپتۇ» دېيىشىپ،
توساتتىن بارگاھ ۋە دالادىكى فىلىستىيەلىكلەر ئالاقزادە بولۇپ، قاراۋۇللار ۋە زەربىدارلارمۇ قورقۇپ، تىترەپ كېتىشتى، يەرمۇ تەۋرەپ كەتتى. بۇ خۇدادىن كەلگەن قورقۇنچ ئىدى.
ئۇ بارلىق ئەللەرنى سىلەرنىڭ كۆز ئالدىڭلاردا زېمىنىدىن قوغلاپ چىقىرىدۇ. سىلەر ئۆزۈڭلاردىن چوڭ ۋە كۈچلۈك ئەللەرنىڭ زېمىنىنى ئىگىلەيسىلەر.
سىلەرگە يول باشلاشقا پەرىشتەمنى ئەۋەتىمەن. مەن كەنئانلار، ئامورلار، خىتلار، پەرىززىلەر، خىۋلار ۋە يىبۇسلارنى زېمىنلىرىدىن قوغلاپ چىقىرىپ،
چېكىندۈرىسەن ئۇلارنى، يۈزلىرىگە بەتلىگەندە ئوقيايىڭنى.
مەن يات خەلقلەرنى سىلەرنىڭ كۆز ئالدىڭلاردا زېمىنلىرىدىن قوغلاپ چىقىرىپ، زېمىنىڭلارنى كېڭەيتىمەن. سىلەر يىلدا ئۈچ قېتىم ماڭا ئىبادەت قىلىش ئۈچۈن يىغىلغان ۋاقتىڭلاردا، ھېچكىم سىلەرنىڭ يۇرتۇڭلارغا يامان كۆز تىكەلمەيدۇ.
ئىسرائىللارنىڭ شۇنچە كۆپلۈكىدىن موئابلار قورقۇنچتا قالدى. ئىسرائىللاردىن قورقۇپ ۋەھىمىدە قالغان موئابلار
خۇددى پەرۋەردىگار ئېيتقاندەك، پەرۋەردىگارىڭلار ئۇ يەردىن دۈشمىنىڭلارنى قوغلاپ چىقىرىدۇ.