26 ئاراڭلاردا بويىدىن ئاجراپ كېتىدىغان ياكى تۇغماس ئاياللار بولمايدۇ. سىلەرگە ئۇزۇن ئۆمۈر ئاتا قىلىمەن.
سىلەر پۈتكۈل خەلقلەرنىڭ ئارىسىدىكى ئەڭ بەختلىك خەلق بولىسىلەر. چارۋا ماللىرىڭلار قىسىر قالمايدۇ.
سەن چوقۇم ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرىسەن، ۋاقتى كەلگەندە خۇددى پىشقان بۇغدايدەك ئورىلىسەن.
بالىلىرىڭلار بەختلىك، ئېتىزىڭلار ھوسۇللۇق بولىدۇ، كالا، قوي، ئۆچكە ۋە باشقا چارۋا ماللىرىڭلار كۆپ بولىدۇ.
ئۇلارنىڭ بۇقىلىرى كۈچلۈكتۇر، ئىنەكلىرى زىنھار قىسىر قالمايدۇ ھەم بالىسى چۈشۈپ كەتمەيدۇ.
ئۇ يەردە ئەمدى بوۋاقلار تۇغۇلۇپلا ئۆلۈپ كەتمەيدۇ، ياشانغانلار قېرىپ ئۆز ئەجىلى بىلەن ئۆلىدۇ. يۈز ياش ئۆمۈر كۆرگەنلەر ياش ھېسابلىنىدۇ. يۈز ياشقا كىرمەي تۇرۇپ ئۆلۈپ كەتكەنلەر قارغىشقا كەتكەنلەر ھېسابلىنىدۇ.
ئامبارلىرىمىز لىق تولغاي ئاشلىقلارغا، قويلىرىمىز سان-ساناقسىز كۆپەيگەي يايلاقلاردا.
بەرىكەت بەرگەچ ئۇلارغا پەرۋەردىگار، زور كۆلەمدە سانى ئاۋۇپ ئۇلارنىڭ، زىيادە بولار ئۇلاردا مال-ۋارانلار.
ئۇ ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈپ، ئالەمدىن ئۆتتى. ئۇنى ئوغۇللىرى ئەساۋ بىلەن ياقۇپ دەپنە قىلدى.
داۋۇت قېرىپ، ساناقلىقلا كۈنلىرى قالغاندا، ئوغلى سۇلايماننى ئىسرائىلىيەگە پادىشاھ قىلىپ تىكلىدى.
ئايۇپ قېرىپ، ئۆمرىنىڭ ئاخىرىدا ئۆز ئەجىلى بىلەن ۋاپات بولدى.
ئېھ خۇدا، سەن تاشلايسەن ھالاكەت ھاڭلىرىغا دۈشمەنلىرىمنى، قانخور، ھىيلىگەرلەر ياشىيالماس ئۆمرىنىڭ يېرىمىنى، ئەمما مەن يوقاتماسمەن ساڭا بولغان ئىشەنچىمنى.
ئۆمرىمىز يەتمىش يىلچە بولار، سەكسەنگە ئۇلىشار ماغدۇرى بارلار. ئەمما ئەڭ ياخشى چاغلىرىمىزمۇ جاپا ۋە قايغۇدا ئۆتەر، كۈنلىرىمىز كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە تۈگەر، ھاياتىمىز ئۇچقاندەك ئۆتۈپ كېتەر.
مەن بۈگۈن پەرۋەردىگارنىڭ قانۇن-نىزاملىرىنى سىلەرگە يەتكۈزىمەن، ئۇلارغا ئەمەل قىلىڭلار. شۇنداق قىلساڭلار، سىلەر ۋە ئەۋلادلىرىڭلارنىڭ بارلىق ئىشلىرى ئوڭۇشلۇق بولىدۇ. سىلەر پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا سىلەرگە مەڭگۈ ئىگىدارچىلىق قىلىشقا ئاتا قىلغان بۇ زېمىندا ئۇزۇن ياشىيالايسىلەر.
ئى پەرۋەردىگار، ئۇلارغا بەرگىن، قانداق جازانى خالىساڭ، شۇنى بەرگىن. ئۇلارنىڭ بويىدىن ئاجراپ كەتسۇن، ئەمچەكلىرى قۇرۇپ كەتسۇن.