مىسىردىن چىقىش 23:15 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى15 ئالدى بىلەن پېتىر نان ھېيتىنى ئۆتكۈزۈڭلار. مېنىڭ ئەمرىم بويىچە يەتتە كۈنلۈك ھېيتتا پېتىر نان يەڭلار. بۇ ھېيت ھەر يىلى زىرائەتلەر بىخ چىقارغان ئابىب ئېيىدا ئۆتكۈزۈلسۇن. سىلەر مۇشۇ ئايدا مىسىردىن ئايرىلغانىدىڭلار. ھۇزۇرۇمغا قۇرۇق قول كەلمەڭلار. Gade chapit la |
مۇسا ئىسرائىل خەلقىگە مۇنداق دېدى: _ بۇ كۈننى ئېسىڭلاردا چىڭ تۇتۇڭلار. چۈنكى بۇ كۈن سىلەر قۇللۇقتا ياشىغان مىسىر زېمىنىدىن يولغا چىققان كۈندۇر. بۇ كۈن پەرۋەردىگار قۇدرەتلىك قولى بىلەن سىلەرنى مىسىردىن ئېلىپ چىققان كۈندۇر. شۇڭا سىلەر ھەر يىلى مۇشۇ كۈنى خېمىرتۇرۇچ ئارىلاشتۇرۇلغان ھەرقانداق يېمەكلىكنى يېمەڭلار.