Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




مىسىردىن چىقىش 23:14 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

14 ھەر يىلى مەن ئۈچۈن ئۈچ قېتىم ھېيت قىلىڭلار.

Gade chapit la Kopi




مىسىردىن چىقىش 23:14
14 Referans Kwoze  

بارلىق ئەرلەر ھەر يىلى ئۈچ قېتىم، يەنى پېتىر نان ھېيتى، ئورما ھېيتى، كەپە تىكىش ھېيتىدا پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا بەلگىلەپ بەرگەن ئىبادەت قىلىش ئورنىغا بېرىپ، ئۇنىڭ ھۇزۇرىدا تۇرسۇن. ئۇنىڭ ھۇزۇرىغا قۇرۇق قول بارمىسۇن.


_ سەن ئىسرائىللارغا ئېيتقىن: «7-ئاينىڭ 15-كۈنىدىن باشلاپ ئۇدا يەتتە كۈن مەن پەرۋەردىگارغا ئاتاپ كەپە تىكىش ھېيتى ئۆتكۈزۈڭلار.


ئەللىكىنچى كۈنى، يەنى يەتتىنچى قېتىملىق دەم ئېلىش كۈنىنىڭ ئەتىسى ماڭا تۇنجى پىشقان بۇغدىيىڭلاردىن ھەدىيە سۇنۇڭلار.


«1-ئاينىڭ 14-كۈنى گۇگۇم چۈشكەندىن باشلاپ ماڭا ئاتاپ، ئۆتۈپ كېتىش ھېيتى ئۆتكۈزۈڭلار.


ھەر يىلى بۇ ئۈچ ھېيتتا پۈتكۈل ئەرلەر مېنىڭ ھۇزۇرۇمغا، يەنى ئىگەڭلار بولغان پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىغا كەلسۇن.


مەن پەرۋەردىگار سىلەرنىڭ مۇقەددەس يىغىلىش ئۆتكۈزۈشۈڭلار ئۈچۈن بەلگىلىگەن تۆۋەندىكى كۈنلەرنى ھېيت كۈنلىرى دەپ جاكارلاڭلار.»


ئەلقانا ھەر يىلى قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگارغا ئىبادەت قىلىپ، ئۇنىڭغا قۇربانلىق قىلىش ئۈچۈن ئۆز شەھىرىدىن شىلو شەھىرىگە ئائىلىسى بىلەن بىللە باراتتى. ئۇ يەردە ئەلىنىڭ ئىككى ئوغلى بولغان خوفنى بىلەن پىنىخاس پەرۋەردىگارغا روھانىيلىق قىلاتتى.


شۇنداق قىلىپ، ئىبادەتخانا پۈتتى. سۇلايمان پەرۋەردىگارغا ئاتاپ سالدۇرغان قۇربانلىق سۇپىسىدا ھەر يىلى ئۈچ قېتىم كۆيدۈرمە ۋە ئامانلىق قۇربانلىقى قىلاتتى ۋە پەرۋەردىگارغا ئاتاپ ئىسرىق سالاتتى.


مۇسانىڭ بېكىتكىنى بويىچە دەم ئېلىش كۈنلىرىدە، يېڭى ئاي بايراملىرىدا، شۇنداقلا پېتىر نان ھېيتى، ئورما ھېيتى، كەپە تىكىش ھېيتى قاتارلىق ئۈچ ھېيتتا قۇربانلىق قىلىدىغان بولدى.


چوقۇنۇش ئۈچۈن بۇت ياسىماڭلار.


پېتىر نان ھېيتى ئۆتكۈزۈڭلار. مېنىڭ ئەمرلىرىمگە بىنائەن بۇ ھېيتتا ئۇدا يەتتە كۈن پېتىر نان يەڭلار. ھېيتنى زىرائەتلەر بىخ چىقارغان ئابىب ئېيىدا ئۆتكۈزۈڭلار، چۈنكى سىلەر شۇ ئايدا مىسىردىن ئايرىلدىڭلار.


_ ئابىب ئېيىدا، يەنى زىرائەتلەر بىخ چىقارغان باش باھاردا پەرۋەردىگارىڭلار خۇداغا ئاتاپ، ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىنى ئۆتكۈزۈڭلار. چۈنكى ئاشۇ ئاينىڭ بىر كېچىسى پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا سىلەرنى مىسىردىن ئېلىپ چىقتى.


ئىسرائىل خەلقى بەلگىلەنگەن ھېيت كۈنلىرى ھۇزۇرۇمدا مەنكى پەرۋەردىگارغا سەجدە قىلىدىغان ۋاقتىدا شىمالىي دەرۋازا ئىمارىتى ئارقىلىق كىرگەنلەر جەنۇبىي دەرۋازا ئىمارىتى ئارقىلىق، جەنۇبىي دەرۋازا ئىمارىتى ئارقىلىق كىرگەنلەر شىمالىي دەرۋازا ئىمارىتى ئارقىلىق چىقىپ كەتسۇن. ھېچكىممۇ كىرگەن دەرۋازا ئىمارىتى بىلەن قايتمىسۇن، چوقۇم قارشى تەرىپىدىكى دەرۋازا بىلەن چىقىپ كەتسۇن.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite