Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




مىسىردىن چىقىش 23:12 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

12 ئالتە كۈن ئىشلەپ، يەتتىنچى كۈنى ئارام ئېلىڭلار. ئۆكۈز، ئېشەك، قۇل ۋە يات خەلقلەردىن بولغان مۇساپىرلارمۇ ئارام ئالسۇن.

Gade chapit la Kopi




مىسىردىن چىقىش 23:12
13 Referans Kwoze  

ھەزرىتى ئەيسانىڭ دەم ئېلىش كۈنى كېسەل ساقايتقانلىقىنى كۆرگەن ئىبادەتخانا مەسئۇلى غەزەپ بىلەن كۆپچىلىككە: - ئىش ۋاقتىمىز ئالتە كۈن. شىپالىق ئىزدىگۈچىلەر دەم ئېلىش كۈنىدىن باشقا شۇ ئالتە كۈن ئىچىدە كېلىشى كېرەك، - دېدى.


دەم ئېلىش كۈنىدە ھەتتا ئۆز ئۆيۈڭلاردا ئوت يېقىشقىمۇ بولمايدۇ.»


ئۇلار ماڭا: ‹سەن بىزنىڭ روزا تۇتقىنىمىزنى نېمىشقا كۆرمەيسەن؟ بىز تاماق يېمەي جاپا چەكسەك، نېمىشقا پەرۋا قىلمايسەن؟› دەپ سورايدۇ. قاراڭلار، سىلەر روزا تۇتقان ۋاقتىڭلاردىمۇ يەنىلا شەخسىي مەنپەئەتىڭلارنى ئويلايسىلەر، سىلەر ئۈچۈن جاپالىق ئىشلىگەن كىشىلەرنى ئېزىسىلەر.


ئىش قىلىشىڭلارغا يېتەرلىك ئالتە كۈن بار. يەتتىنچى كۈنى مەيلى تېرىقچىلىق ياكى ئورما ئۇرۇش ۋاقتى بولۇشىدىن قەتئىينەزەر چوقۇم ئارام ئېلىڭلار.


ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارغا يەنە: - ئىنسان دەم ئېلىش كۈنى ئۈچۈن ئەمەس، دەم ئېلىش كۈنى ئىنسان ئۈچۈن يارىتىلدى.


مۇسا ئۇلارغا: _ پەرۋەردىگار: «ئەتە تولۇق دەم ئالىدىغان كۈندۇر. بۇ كۈن مەن پەرۋەردىگارغا ئاتالغان كۈندۇر. بۈگۈن يېمەكلىكىڭلارنى ئوتقا قاقلاپ، سۇدا قاينىتىپ، خالىغىنىڭلارچە پىشۇرۇڭلار، ئېشىپ قالغىن ىنى ئەتىگە قالدۇرۇڭلار» دەپ بۇيرۇغانىدى، _ دېدى.


يەتتىنچى يىلى يەرنى ئارام ئالدۇرۇپ ئاق قويۇڭلار. ئۆزى ئۈنۈپ قالغان زىرائەتلەرنى كەمبەغەللەرگە قالدۇرۇڭلار. قالغىنىنى ياۋايى ھايۋاناتلار يېسۇن. ئۈزۈمزارلىقىڭلار بىلەن زەيتۇنلۇقۇڭلارنىمۇ شۇنداق قىلىڭلار.


«ئىش قىلىشىڭلارغا يېتەرلىك ئالتە كۈن بار. يەتتىنچى كۈنى مۇقەددەس كۈن بولۇپ، ماڭا ئاتالغان ھەم سىلەر تولۇق دەم ئالىدىغان كۈندۇر. بۇ كۈنى ئىشلىگەنلا كىشىگە ئۆلۈم جازاسى بېرىلسۇن.


ئالتە كۈن ئىش كۈنى، يەتتىنچى كۈنى تولۇق دەم ئېلىش كۈنىدۇر. دەم ئېلىش كۈنىدە مۇقەددەس يىغىلىش ئۆتكۈزۈڭلار، ئىش قىلماڭلار. مەيلى سىلەر قەيەردە ياشىماڭلار، مەن پەرۋەردىگارغا ئاتالغان بۇ دەم ئېلىش كۈنىدە تولۇق دەم ئېلىڭلار.


يېرۇسالېمدا تۇرىدىغان تىر شەھىرىدىن كەلگەنلەر بېلىق ۋە ھەر خىل تاۋارلارنى ئېلىپ كېلىپ دەم ئېلىش كۈنىدە يەھۇدىيەدىكىلەرگە سېتىۋاتاتتى، ھەتتا يېرۇسالېمدىمۇ شۇنداق قىلىۋاتاتتى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite