Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




مىسىردىن چىقىش 23:11 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

11 يەتتىنچى يىلى يەرنى ئارام ئالدۇرۇپ ئاق قويۇڭلار. ئۆزى ئۈنۈپ قالغان زىرائەتلەرنى كەمبەغەللەرگە قالدۇرۇڭلار. قالغىنىنى ياۋايى ھايۋاناتلار يېسۇن. ئۈزۈمزارلىقىڭلار بىلەن زەيتۇنلۇقۇڭلارنىمۇ شۇنداق قىلىڭلار.

Gade chapit la Kopi




مىسىردىن چىقىش 23:11
11 Referans Kwoze  

سەككىزىنچى يىلى ئۇرۇق تېرىغان ۋاقتىڭلاردىمۇ يەنىلا ئاشۇ ئالتىنچى يىلىدىن ئېشىپ قالغان ئاشلىقىڭلارنى يەيسىلەر. توققۇزىنچى يىلى يەردىن ھوسۇل ئالغۇچە سىلەردە يەنىلا ئېشىنچا ئاشلىق بولىدۇ.»


بەلكىم سىلەر: ‹يەتتىنچى يىلى ھېچنېمە تېرىمىساق، ھوسۇل ئالمىساق، نېمە يەيمىز؟› دەپ سورىشىڭلار مۇمكىن.


ئالتە يىل يېرىڭلارنى تېرىپ، ھوسۇل ئېلىڭلار.


ئالتە كۈن ئىشلەپ، يەتتىنچى كۈنى ئارام ئېلىڭلار. ئۆكۈز، ئېشەك، قۇل ۋە يات خەلقلەردىن بولغان مۇساپىرلارمۇ ئارام ئالسۇن.


يەنە كېلىپ سەن بىزنى سۈت ۋە ھەسەل ئېقىپ تۇرىدىغان زېمىنغا باشلاپ كىرمىدىڭ ياكى ۋەدە قىلغىنىڭدەك ئېكىنزارلىق ۋە ئۈزۈمزارلىقمۇ بەرمىدىڭ. سەن كۆزلىرىمىزنى باغلاپ، بىزنى يەنە داۋاملىق ئالدىماقچىمۇ؟ ياق! بىز بارمايمىز! _ دېدى.


ئەگەر بۇ زېمىندىكى يات خەلقلەر دەم ئېلىش كۈنى ياكى باشقا مۇقەددەس كۈنلەردە ئاشلىق ۋە باشقا نەرسە ساتسا، بىز ئۇلاردىن قەتئىي سېتىۋالمايمىز. بىز ھەر يەتتىنچى يىلى يەرنى دەم ئالدۇرىمىز ۋە قەرزلەرنى بىكار قىلىمىز.


زېمىنىڭلاردا ھامىنى نامراتلار بولىدۇ، شۇڭا سىلەرنىڭ ئىسرائىللاردىن بولغان موھتاج، نامرات قېرىندىشىڭلارغا سېخىيلىق بىلەن ياردەم قىلىشىڭلارنى بۇيرۇيمەن.


بىز ئىبادەتخانىنىڭ خىراجىتى ئۈچۈن ھەر يىلى تۆت گىرامدىن كۈمۈش بېرىشكە ۋەدە قىلىمىز.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite