مىسىردىن چىقىش 22:9 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى9 ھەرقانداق مال-مۈلۈك ماجىراسى توغرىسىدىكى دەۋا كالا، ئېشەك، قوي، كىيىم-كېچەك ياكى باشقا يوقالغان نەرسىلەرگە چېتىشلىق بولسا ھەمدە ماجىرالاشقان ئىككى تەرەپ تالاش-تارتىش قىلىپ دەۋانى بىر تەرەپ قىلالمىسا، سوتچىنىڭ ئالدىغا بېرىپ ئەرز قىلسۇن. سوتچى كىمگە گۇناھ بېكىتسە، شۇ ئادەم قارشى تەرەپكە بىر ھەسسە ئارتۇق تۆلىسۇن. Gade chapit la |
ھەرقايسى شەھەرلەردىكى قېرىندىشىڭلار مەيلى قاتىللىققا مۇناسىۋەتلىك بولسۇن، مەيلى قانۇن، ئەمر-پەرمان ۋە قائىدىلەرگە خىلاپلىق قىلىشقا مۇناسىۋەتلىك بولسۇن، ئالدىڭلارغا ئەرز ئېلىپ كەلسە، ئۇلارنى ئاگاھلاندۇرۇڭلار. ئۇلار يالغان گۇۋاھلىق بېرىپ، پەرۋەردىگارغا قارشى گۇناھ ئۆتكۈزۈپ قويمىسۇن. بولمىسا پەرۋەردىگارنىڭ غەزىپى سىلەرگە ھەم خەلققە چۈشىدۇ. شۇنداق قىلساڭلار، ئەيىبسىز بولىسىلەر.